باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش 11–نۆۋەتلىك كومىتېتى 1–يىغىنىدىكى تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى (2)

2013.02.01 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ بېرىلگەن 254 تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئەمىن تاپقۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى يانداشما ئەسلىھەلەرنى مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ دېھقانلارنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇش؛ شەھەر، بازارلارنىڭ كونا تۇرالغۇ رايونلىرىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىش؛ مەھەللە مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھەللىلەردە خەلققە قولايلىق كۆكتاتلارنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ‹‹پاكىز كۆكتاتلارنى شەھەرگە كىرگۈزۈش››تەك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش؛ شەھەر ئاھالىلىرى ئارىسىدىكى ياشانغانلار كۆپىيىپ كېتىش مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، مەھەللىلەردە ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ پار مىقدارىنى ھېسابلاش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى گاز مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ شەھەر يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خەلقنىڭ نېفىتتىن بىخەتەر پايدىلىنىشىدىكى يوشۇرۇن خەتەرنى ھەل قىلىش؛ پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا تەشۋىقاتى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش؛ سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش؛ يەسلى مائارىپىنى كۈچەيتىپ، پۇقراۋى يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش؛ ياش–ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قانۇن – تۈزۈم تەربىيەسىنى كۈچەيتىش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ مەدەنىيەت ئارقىلىق چېگرانى قوغداش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ شەھەر، يېزىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بىر تۇتاش غەملەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىراق مۇساپىلىك تېببىي ئىلىم ئارقىلىق يېزا–بازار شىپاخانىلىرىنى قاپلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يىراقتىن داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋالاش تۈرىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا كىرگۈزۈپ، 2–قېتىملىق داۋالىنىش ياردىمىنى يولغا قويۇش؛ كەنت دوختۇرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا دائىر پىكىر–تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جەمئىيەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە يېڭىلاش، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ بېرىلگەن تەكلىپتىن 96سى تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مەھەللە خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ‹‹مەھەللە لىنىيەسى›› تور پونكىتى، مەھەللە مۇلازىمىتى ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگى قۇرۇش؛ كۆلەملەشمىگەن ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا كارخانىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ دېموكراتىك پارتىيە–گۇرۇھلارنىڭ جەمئىيەت باشقۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارنىڭ ھۆكۈمەت مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشىنى كۈچەيتىش؛ كۆچمە نوپۇسقا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش؛ سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېلو ئېچىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىيازلىق ماشىنا نومۇرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى يېڭىلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى باشقۇرۇش، دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرىنىڭ يۇقىرىلاپ ئوقۇش، ئىمتىھانغا قاتنىشىش قاتارلىقلار جەھەتتىكى سىياسەت، نىزام ۋە تۈزۈمىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يېمەكلىك بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى باشقۇرۇشقا دائىر نىزام چىقىرىشنى تېزلىتىش قاتارلىقلارغا دائىر پىكىر – تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ قېتىمقى يىغىندىكى تەكلىپلەرنىڭ مەزمۇنى مول، قاراتمىلىقى، يولغا قويۇشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭغا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ قان–تەرى ۋە ئەقىل–پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭدا ئەزالارنىڭ تەرەققىياتنى كۆزلەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، خەلق تۇرمۇشىنى كۆزلەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەقىدىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە ۋاقتىدا تاپشۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەكلىپ تاپشۇرۇش سۈرۈكىدىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش تەكلىپ كومىتېتى داۋاملىق تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالىدۇ ۋە بېجىرىشكە تاپشۇرىدۇ. تەكلىپ بېجىرىش نەتىجىسى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەزالارغا ئۇقتۇرۇلىدۇ.

  
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە