باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

-قۇرۇلتاي غەلىبىلىك يېپىلدى، شىنجاڭ يېڭى ‹‹كۈرەش›› نىشانىغا ئاتلاندى

2012.11.16 15:28         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  14-نويابىر، پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ 42 ۋەكىلى يەتتە كېچە-كۈندۈز ۋەتەننىڭ يۈرىكىگە يىغىلىپ ، ئاڭلاپ ، مۇزاكىرە قىلىپ ، ئالماشتۇرۇش ، ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتلىرىنى قەلبىگە پۈكتى ھەمدە ئىشەنچكە تولۇپ بەختىيارلىق ھېس قىلدى . ئەڭ گۈزەل كارتىنا نامايان بولۇشقا باشلىدى ، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ كۈرەش قىلىش نىشانىمىز ، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يولىمىز . مانا بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەڭ زور بەختى . ( 15-نويابىر «شىنجاڭ گېزىتى»)

  دۆلىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا كىرىشكەن ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىن خەلقنىڭ قەلبىنى ئۇيۇشتۇرغان ، خەلقنى كۈرەشكە ئۈندەيدىغان كاتتا يىغىن بولۇپ ، جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قانداق يولدا مېڭىشى ، قانداق بايراقنى كۆتۈرۈشى ، قانداق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق جاۋاب بەردى . تارىخ ئىسپاتلاپ بەردىكى ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇققەرەر يول ، شۇنداقلا جۇڭگونى تەرەققىياتقا ھەم ئالغا بېسىشقا يېتەكلەيدىغان بىردىن-بىر توغرا يول .

  بولۇپمۇ 18-قۇرۇلتايدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ يېڭى تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى : ئىقتىسادنى سىجىل ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۆزلىكسىز كېڭەيتىپ ، مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى روشەن كۈچەيتىپ ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈش ، بايلىقنى تېجەش ۋە مۇھىت بىلەن دوستانە ئۆتۈش تىپىدىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشلاردا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش جەھەتتە ، خەلققە بىر يېپيېڭى مەنزىرە كۆرسىتىپ بېرىلدى .

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى ، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 42 نەپەر ۋەكىل مۇنداق بىر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى : 18-قۇرۇلتايدا بېكىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك نىشان ، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭنىڭ خىزمىتىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە تامامەن ئۇيغۇن . شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات نىشانى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى . بىزنىڭ ئىشەنچىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى . 2020-يىلىغا بارغاندا ، شىنجاڭ ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ . شۇنداقلا ، چوقۇم 18-قۇرۇلتاينىڭ تەلەپلىرى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىدۇ .

  ۋەكىل ليۇ شىنچى مۇنداق دېدى : « بىز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ، تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز ، غەلبەسېرى ئالغا ئىلگىرلەپ تېخىمۇ تولۇپ تاشقان روھىي ھالەت بىلەن پارتىيەمىزنىڭ قۇرۇلۇشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك ».

  ۋەكىل جاڭ شىن مۇنداق دېدى : « بىز مەجبۇرىيەت تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ پۇرسەتلەرنى تولۇق ئىگىلەپ ، خىرىسلارغا تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرۇپ ، تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملىشى ئۈچۈن بارلىق كۈچىمىزنى تۆھپە قىلىشىمىز كېرەك » . ۋەكىل ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: « ئاپتونوم رايونىمىزنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە يەتكۈزۈش نىشانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز ».

  نىشان ئېنىق بەلگىلەندى ، ئۇلۇغۋار خەرىتە يېيىلدى . بىز بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز ، تېخىمۇ گۈزەل سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك . بۇ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى 42 ۋەكىلنىڭ ئورتاق ساداسى ، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايونىدىكى 1 مىليون 360 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى ۋە 22 مىليوندىن ئارتۇق ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى .

  تېخىمۇ گۈزەل سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ، بىز ياخشى ئاساس ھازىرلىدۇق . تەستە كېلىدىغان پۇرسەتلەر ئالدىدا ، ئىدىيەنى چوقۇم تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، تونۇشنى تېخىمۇ چوڭقۇر دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەش ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ، دەۋرى بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش ، يېڭىلىق يارىتىش روھىي ھالىتىمىز بىلەن ، « پەقەت تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتىش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ ، پەقەت تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ » دېگەن قەتئىي ئەقىدىنى باشتىن ئاخىرى چىڭ ساقلاپ ، تۈرلۈك خىرسلارغا ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇپ ، بېسىمغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئاتلىنىپ ، تېخىمۇ يۇقىرى نىشانغا قاراپ توختىماي ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك .(تەڭرىتاغ تورى تەكلىپلىك ئوبزورچىسى: لىن ۋېي؛ تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت بارات)

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە

${KEYWORD}