باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋالايلى. پارتىيە قۇرۇلۇشىغا نەزەر»(1)

پارتىيە17–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

2012.10.16 13:55        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى بەش يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىغا زور ئەھمىيەت بېرىلگەن، سېلىنما ئەڭ كۆپ سېلىنغان، ئەڭ كۆپ مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان، ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان مەزگىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولسا، پۈتۈن شىنجاڭ مۇقىم بولىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭ مۇقىم بولسا، پۈتۈن مەملىكەت مۇقىم بولىدۇ» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىن ئويلىشىش، ئاممىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەيدىغان، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىدىغان بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بولۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  بىرىنچى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق ئورنى بېكىتىلىپ، ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى «بىر كىشى ئۈستىگە ئېلىش» ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا 8 – قېتىملىق نۆۋەت ئالمىشىشتىن كېيىن «بىر كىشى ئۈستىگە ئالغان»لار %95.12كە يەتتى؛ كەنت «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرىدىن 30 مىڭ 667 كىشى گىرەلەشمە ۋەزىپە ئۆتىدى، ئۇلار %68نى ئىگىلىدى. مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىشتاتىدا ئەمەلىي گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە 12 مىڭ 155 دۆلەت كادىرى مەھەللىلەردە ۋەزىپە ئۆتىدى، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سېكرېتارىسىلىق ۋەزىپىسىنى پۈتۈنلەي دۆلەت كادىرلىرى ئۈستىگە ئالدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون بويىچە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا 5539 پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، 29 مىڭ 300 كارخانىنى قاپلىدى، قاپلاش نىسبىتى 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %5.88تىن %83.33كە كۆتۈرۈلدى؛ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا 2943 پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، 4832 ئىجتىمائىي تەشكىلاتنى قاپلىدى، قاپلاش نىسبىتى 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى %14تىن %76.86كە ئۆستى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، 7908 ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى، 1178 ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى، 5132 ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلدى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ھەر دەرىجىلىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانا ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا 4029 پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىسى تاللاپ ئەۋەتىلدى. ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ 1223 نۇقتىلىق تارماق رايون، 932 ئارقىدا قالغان كەنت، 175 ئارقىدا قالغان مەھەللە ۋە 72 سورۇن ھەر تەرەپلىمە تۈزەلدى.
【1】 【2】 【3】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە