باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھالقىش باسقۇچىدىكى قەشقەر ساياھەتچىلىكى(1)

2012.10.16 13:53        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوپال يېزىسى 11–كەنتى تەۋەسىدىكى مارجاق بۇلاق سەيلىگاھىنىڭ دۆلەت يولى 314–لىنىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 58 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ سەيلىگاھنىڭ غەرب تەرىپىدە گەز دەرياسى ئايلىنىپ ئاقىدىكەن، شەرق تەرىپىدە نۇرغۇن بۇلاق بار بولۇپ، بۇلاقلارنىڭ ئەتراپىدا بۈككىدە ئۆسكەن سۆگەت، جىگدىلەر، ئۇيەر–بۇيەردە چوقچىيىپ تۇرغان قۇم بارخانلىرى ۋە تەكشى كەتكەن يايلاق قوشۇلۇپ ئۆزگىچە مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن ئىكەن.

  25–سېنتەبىر بۇ سەيلىگاھنىڭ مەسئۇلى ئابلاجان ھېيت بىزگە ئەھۋال تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

  مەن 2000–يىلى بۇ يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ سەيلىگاھ قۇرماقچى بولغىنىمدا، بەزىلەر «بۇ ئادەم بۇ يەرگە پۇل خەجلەپ سەيلىگاھ ئاچىمەن، دەپ نېمە قىلار، بۇ جاڭگالغا كىم كېلەتتى ئاخىر!؟» دېيىشكەنىدى. شۇنداقتىمۇ مەن تاپقان – تۈگكىنىمگە ئۇرۇق – تۇغقانلاردىن قەرز ئالغان پۇللارنى قوشۇپ بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدىم. شۇنىڭدىن بۇيان بۇ يەرگە 30 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق تېرەك، جىگدە، توغراق، سۆگەت كۆچىتى تىكتىم، ئاشخانا، سۇ تۈگمىنى، شىپاڭ، بېلىق تۇتۇش كۆلچىكى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، ئىلەڭگۈچ، سارغايدى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تەييارلىدىم. نەتىجىدە، بۇ جاڭگاللىق مانا ئەمدى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگىدەك سەيلىگاھقا ئايلاندى. ئىلگىرى بۇ يەردە ئازراق بوران چىقىپ قالسا، تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ھازىر ئۇنداق ئەھۋالدىن ئەسەرمۇ قالمىدى. بۇ يەرگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر يىلدىن–يىلغا كۆپەيدى. بۇ يىل 10 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدىم، بۇنىڭدىن 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدىم.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە