باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت شىنجاڭدىكى پاختىكارلارنىڭ بازار خەتىرىدىن ساقلىنىشىغا ياردەم بەردى

2012.10.12 10:33        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى پاختا بازىرى داۋاملىق كاساتلاشقان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ يىغىپ ساقلاش تەدبىرىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسىدە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولغان شىنجاڭدىكى پاختىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن سەل چۈشكەن ئەھۋالدا، شۇ جايدىكى نەچچە مىليون پاختىكاردا كەسكىن بازار خەتىرىدىن ساقلىنىشقا ئۈمىد تۇغۇلدى.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىل 9-ئايدا جايلار يېڭى پاختا سېتىۋېلىشنى باشلىغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ پاختا سېتىۋېلىش باھاسى بۇلتۇرقىدىن سەل چۈشكەن، ھازىر ھەر كىلوگرامى سەككىز يېرىم يۈەن ئەتراپىدا مۇقىملىشىپ، بۇلتۇرقىدىن ئىككى مودىن تۆ موغىچە تۆۋەن بولغان. نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق بولماقتا، سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش سۈرئىتى بۇلتۇرقىدىن تېز بولماقتا. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تىجارىتى قىيىنلىشىپ، ئومۇميۈزلۈك زىيان تارتىپ، دۆلىتىمىز پاختىسى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا بولغان ئېھتىياج زور كۆلەمدە چۈشتى. كەسپى ئەربابلار تەھلىل قىلىپ، پاختا سېتىۋېلىش ئوڭۇشلۇق بولمىغان ئەھۋالدا، دۆلەتنىڭ يىغىپ ساقلاش سىياسىتى-شىنجاڭنىڭ پاختا سېتىۋېلىش باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبى دېدى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە