باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭنى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىدۇ

2012.10.10 16:37        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 9-ئۆكتەبىر كەچتە جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇ جىپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. جۇ جىپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بۇ قېتىم جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ ئاقسۇدىكى چوڭ خىمىيىۋى ئوغۇت تۈرىگە ئۇل سېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ 3-ئۆكتەبىردىن 5-ئۆكتەبىرگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە مۇھىم سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم بولغىنى بايلىق ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش تۈزۈلمىسىنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلدى، جۇڭگو نېفىتىنىڭ ئاقسۇدىكى چوڭ خىمىيىۋى ئوغۇت تۈرى جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، مەركەزنىڭ زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭغا كەسىپ جەھەتتىن ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم تەدبىرى، بۇ تۈر بۇنىڭدىن كېيىن ئاقسۇنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى يېڭى نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقۇسى.

  جۇ جىپىڭ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ بىر قاتار ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى شىنجاڭنىڭ نېفىت گازىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىشنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ، تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدى. 12-بەش يىلدا، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا سالىدىغان مەبلىغى 11-بەش يىلدىكىدىن %20 تىن كۆپرەك ئېشىپ، 250 مىليارد يۈەندىن كۆپرەككە يېتىدۇ. كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى مۇھىم نۇقتىنى شىنجاڭغا قارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، شىنجاڭنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە