باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر مەركەزنىڭ 1 مىليارد 300مىليون يۈەنگە يېقىن كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردى

2012.09.27 12:11        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركەزنىڭ يىل بېشىدىكى 391 مىليون 750 مىڭ يۈەن كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا يەنە 2-تۈركۈمدىكى 900 مىليون يۈەن كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2012-يىلى مەركەزنىڭ 1 مىليارد 291 مىليون 750 مىڭ يۈەن كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ ياردەم مەبلىغى ئاساسلىقى 39 مىڭ 610 ئائىلىلىك كۆچمەن چارۋىچىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۆيى، 42 مىڭ 960 ئائىلىنىڭ يۈرۈشلەشكەن قوتان قاتارلىق ئەسلىھەلىرى، 100 مىڭ مولۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يەم-خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە 50 مىڭ مولۇق سۈنئىي يەم-خەشەك بازىسى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىكەن، ئىككى يىلدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە قوتان قۇرۇلۇشى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى «12-بەش يىللىق پىلان»دا بەلگىلەنگەن ۋەزىپە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %65 ىنى ئىگىلىگەن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «يۇقىرى پەللىدە پىلانلاش، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇلۇش قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىلگىرىلەش» ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئەڭ رېئال، ئەڭ جىددىي خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئانالىز يىغىنىدىن كېيىن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مەبلەغ ياردىمىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈردى. يەنە مەركەزنىڭ ياردەم مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمىنى تېزدىن جارىي قىلدۇرۇش، «ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى تېز بېجىرىش» تەلىپى بويىچە، 7-، 8-ئايدا جايلارنى كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، بەش خىزمەت كۈنىدىن پايدىلىنىپ ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ پىلان ۋەزىپىسىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مالىيە، چارۋىچىلىق، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، مەبلەغنىڭ كونكرېت ئىشلىتىلىش پىلانىنى تۈزۈپ جايلارغا ۋاقتىدا چۈشۈردى.

  مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە