باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىشنى كۈچەيتتى

2012.08.21 16:23        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ناھىيە، شەھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بىلەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، 4 يىل ئىچىدە ناھىيە شەھەرلەرنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىشنىڭ پۈتۈنلەي قاپلىنىشىنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلىشىچە، 2010-يىلدىن 2011-يىلغىچە ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى 63 ناھىيە شەھەردىكى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان 126 پارتىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىشنى تاماملىغان، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايون بويىچە ۋىلايەت، ئوبلاست شەھەرلەرنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش بىر نۆۋەت ئاياغلىشىپ بولغان، نۇرغۇنلىرى ئىككى نۆۋەت ئىقتىسادىي تەپتىشنى قوبۇل قىلغان.

  7-ئايدا ئېچىلغان پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتكە 2011-يىللىق ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى تەپتىش قىلىش نەتىجىسىنى ئەمەلىي ئىسمى بىلەن ئېلان قىلىش تەكلىپى بېرىش قارار قىلىندى.

  ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولىشىچە، شىنجاڭدىكى 5 ئۆلكە، ئوبلاست، 52 ناھىيە، شەھەر، رايون ۋە 18 ئاپتونوم رايونلۇق ئورۇندىكى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىنغان مۇتلەق كۆپ قىسىم رەھبەرلەر ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى بىرقەدەر ياخشى ئادا قىلغان، ئەمما دۆلەت زېمىنى ۋە كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتە تەستىقلاتماي تۇرۇپ يەر ئىشلىتىش، ھوقۇقتىن ھالقىپ كان قېزىشنى تەستىقلاش، كان قىدىرىش ھوقۇقىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۆتۈنۈپ بېرىش، يەرلەرنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئايرىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەن، ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە قىسمەن قۇرۇلۇش تۈرىنى بەلگىلىمىدىكى تەرتىپكە ئاساسلانماي خېرىدار چاقىرىشقا قاتناشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇتكەن، مالىيە باج سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە قىسمەن ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ مالىيە خامچوتىنىڭ تۈزۈلۈشى تەپسىلىي بولماسلىق، مالىيە كىرىم چىقىمى ھەقىقىي بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇتكەن.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە