باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئامېرىكىدىكى ئاۋبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن يەردە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەردى

2012.06.13 16:10         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگىتون، 10 – ئىيۇن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا ئالاباما ئىشتاتىنىڭ ئاۋبۇرن شەھىرىدىكى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 10 – ئىيۇن دەلىللىشىچە، ئاۋبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىن يەردىكى ياتاق بىناسىدا 9 – ئىيۇن كېچىدە ئوققا تۇتۇش ۋقەسى يۈز بېرىپ، ئۈچ كىشى قازا قىلغان، ئۈچ كىشى يارىلانغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياشلار بولۇپ،ئىككىسى ئىلگىرى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ زەيتۇن توپ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىكەن.

  ئاۋبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى جاي گايگو 10 – ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ: بۇ قېتىمقى تاسادىپىي ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، يارىلانغانلارغا ھەم ساقچىلارنىڭ دېلونى پاش قىلىشىغا چامىمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن، دېدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە