باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 –ئىيۇنلىرى ئېلان قىلىنىدۇ

2012.06.13 16:09         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2012 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 25 – ئىيۇنلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 28 – ئىيۇنلىرى ئېلان قىلىنىدىكەن. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 3 – ئىيۇل رەسمىي باشلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2012 – يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ توردا ئارزۇ توشقۇزۇش خىزمىتى 10 – ئىيۇن سائەت 8 دىن 15 – ئىيۇن سائەت 20 گىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن؛ 14 – ئىيۇندىن 22 – ئىيۇنغىچە توردا ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈلىدىكەن؛ 15 – ئىيۇندىن 19 – ئىيۇنغىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى مەكتەپلىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر، ھەربىي مەكتەپ ۋە دۆلەت مۇداپىئە كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىنى تەكشۈرىدىكەن؛ 17 – ئىيۇندىن 18 – ئىيۇنغىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى مەكتەپلىرىگە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن ۋە بەدەن ساپاسى تەكشۈرۈلىدىكەن؛ 20 – ئىيۇندىن 22 – ئىيۇنغىچە دۆلەت مۇداپىئە كەسپىگە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن ۋە ھەربىي تەكشۈرۈش قىلىنىدىكەن؛ 23 – ، 24 – ئىيۇن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كەسىپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلاردىن يۈزتۇرا ئىمتىھان ئالىدىكەن ۋە بەدەن ساپاسىنى تەكشۈرىدىكەن.



  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە