باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تاللاش باھالاش باسقۇچىغا كىردى

2012.06.13 14:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق نازىر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنى ئاشكارا تاللاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، 7-ئىيۇن تاللاش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، باھالاش دائىرىسىنى بېكىتىپ چىققان بولۇپ، ھەر قايسى ئورۇنلارغا يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى 80 دىن يۇقىرى بولغان ئالدىنقى 5 نەپەر، 80 دىن يۇقىرى ئالغانلار 3 كە يەتمەيدىغان ئورۇنلار ئالدىنقى 3 نەپەر تاللىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ قېتىم جەمئىي 230 نەپەر ئادەم باھالاش ئوبيېكتى قىلىنىدىغان بولۇپ، باھالىنىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى شىنجاڭ پارتىيە تورى (www.xjkunlun.cn) دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، توردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدىكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، بىڭتۈەننىڭ نازىر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلار يۈز تۇرانە ئىمتىھانى ئۈرۈمچىدە ئاخىرلاشقان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 82 نەپەر ئادەم يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، 16 نازىر دەرىجىلىك رەھبەر ئورنى ئۈچۈن رىقابەتلىشىدىكەن. يۈز تۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى 1:8:1 نىسبىتى بويىچە ھېسابلىنىپ، نەتىجە يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر تۇتاش ئېلان قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە