باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللىي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى 12-ئىيۇن قۇرۇلدى

2012.06.13 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (مۇخبىر ليۇ فاڭ) 12-ئىيۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى يىغىنى كوئىنلۇن مىھمانسارىيىدا چاقىرىلدى ۋە ئۇيۇشما قۇرۇلدى. شۇ كۈنى 160تىن ئارتۇق كارخانا ئۇيۇشمىغا ئەزا بولدى ھەمدە ئۇيۇشمىنىڭ نىزامنامىسى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ۋە ئۇيۇشمىنىڭ ئاساسلىق مەسئوللىرى بەلگىلەندى.

  ئۇزۇندىن بۇيان، مىللىي كارخانىلار شىنجاڭنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇپ كەلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مىللىي كارخانىلارنى قوللاش ئۈچۈن بىر قاتار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، مىللىي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەردى. مىللىي سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ھۆكۈمەت بىلەن ئەزا كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى تۇتاشتۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى، كارخانىلارنىڭ سىياسەتلەردىن توغرا پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە