باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ جەمئىيەتتىن 17 مىڭ 722 نەپەر قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىنى ئاشكارە تەكلىپ قىلىدۇ، 1-سېنتەبىردىن ئىلگىرى ئىشقا چۈشىدۇ

2012.06.13 14:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 2012-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتقۇچى ۋە يېزىلاردىكى يەسلىلەرگە قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىم 17 مىڭ 722 نەپەر قوش تىللىق ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچى ۋە قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، قوش تىللىق ئالاھىدە ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىدىن 13 مىڭ 968 نەپەر، قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسىدىن 3 مىڭ 754 نەپەر تەكلىپ قىلىنىدىكەن.

  تىزىمغا ئالدۇرۇش توردا ئېلىپ بېرىلىدۇ، تىزىملاش ۋاقتى 2012-يىلى 12-ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە