باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەردىن 1050نى تەكلىپ قىلىدۇ

2012.06.12 16:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاڭ شىنيۈنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىكتە يولغا قويغان مەركەز كارخانىلىرى شىزاڭ، چىڭخەي، شىنجاڭدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى تەكلىپ قىلىشمەخسۇس پائالىيىتى 25 – ماي باشلانغان. مەركەز كارخانىلىرى بۇ پائالىيەتتە ئالىي مەكتەپنى پۈتگۈزگەنلەردىن شىنجاڭدىن 1050 نى تەكلىپ قىلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش يىغىنىنى 43 مەركەز كارخانىسى 4000 دىن كۆپرەك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، دۆلەت تەرەققىيات مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى، جۇڭگو تېلېگرافى، جۇڭگو ئېلېكتىر ئېنېرگىيە تورى شىركىتى قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىشقا قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ 30 كارخانىسى شىنجاڭنى 200 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، جەمئىي 1050 كىشى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىشتا شىنجاڭ، شىزاڭ، چىڭخەيدىكى 2012 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئىستۇدېنتلار ئاساسلىق ئوبيېكت قىلىنىدىكەن، بۇلاردىن باشقا يەنە يۇقىرىقى ئۈچ ئورۇندىكى يېقىنقى ئىككى يىلدا ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ياشلارمۇ تەكلىپ قىلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىشتا توردا تەكلىپ قىلىش ئاساس قىلىنىدىكەن، خادىم تەكلىپ قىلىدىغان كارخانىنى، ئۇلار تەمىنلىگەن ئىش ئورنىنى ۋە باشقا كونكرېت خىزمەت نۇقتىسىنى بىلمەكچى بولغانلار دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەۋەلىكىدىكى مەملىكەتلىك تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى جامائەت مۇلازىمىتى تورى، جۇڭگو ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى تورى، جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تورى، جۇڭگو دۆلەت ئىختىساسلىقلار تورى قاتارلىق تورلارغا چىقىپ تەكشۈرۈپ، قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تور پونكىتى ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر تور ئىشلىرىغا ماسلىشىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا 2012 – يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈدىغان ئىستۇدېنتلارنى تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇدىكەن. بۇ پائالىيەتتە شىنجاڭ رەڭلىك مېتال كارخانا(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 ئورۇن 244 كىشى تەكلىپ قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە