باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ش ئۇ ئا ر بويىچە يېزا، بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىسىدىن 915كىشى تەربىيەلىنىدۇ

2012.04.26 15:24        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى شىڭ خەۋىرى: ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا، بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا 22 – ئاپرېل ئوقۇش باشلاندى. ئۇقۇشۇمچە، بۇ كۇرس ئۈچ قارار بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا، بازار (مەيدان)لىرىدىن كەلگەن 915 ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىسى كەڭ دائىرىدە مەركەزلىك تەربىيەلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ ئەيرۇڭ كۇرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇنداق دېدى: يېزا، بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش يېزىلارنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا ماسلىشىپ، يېزىلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىنتىزام – مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى. مەركەزلىك تەربىيەلەش ئارقىلىق، يېزا، بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى شۇجىلىرىنىڭ يېزىلاردا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  سۇڭ ئەيرۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە تەربىيەلەش، تۈزۈم، نازارەت قىلىش، جازالاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، يېزا، بازار، ئاساسىي قاتلام پونكىتلىرى ۋە كەنت(ئاھالە)‹‹ئىككى كومىتېت››تىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا، بازارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلرىمۇ دېلو بېجىرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، دېلو بېجىرىشنى ئۆگىنىپ، دېلو بېجرىشتە دادىل بولۇپ، يېزا(بازار)لارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش، كەنت(ئاھالىلەر كومىتېتى) ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ۋە پارتىيە ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇش ھەم ئاساسىي قاتلام پونكىتلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشتە ئاشكارا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىشىش ھادىسىسىنى مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش كېرەك.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە