باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈپ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇردى

2012.02.20 16:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېڭ لىشىن خەۋىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 17 – فېۋرال چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى، خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا: ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ تونۇپ، ئەۋزەللىك ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى تەھلىل قىلىپ، سۇبيېكتىپلىق رولنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئالدىنئالا ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇلتۇر 30 – سېنتەبىر ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى قوللاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكرى›› ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىككى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى قۇرۇش خىزمىتى رەسمىي باشلانغانىدى.

  يىغىندا ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە تەجرىبىلىرى تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە قۇرۇلۇش پىرىنسىپىنى تولۇق تونۇش كېرەك، دېيىلدى. ئىككى تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى: ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنىكى، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسى. يېتەكچى ئىدىيەسى: دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەشقەر بىلەن قورغاسنىڭ ئالاھىدە رايون ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە گۇمانىتارلىق ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، دادىل ئىزدىنىپ، خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر – بازارلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى، ماس تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەشقەر شەھىرى ۋە غۇلجا شەھىرىنى ئېلىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن مۇھىم ئۆتەڭ شەھەر ۋە رايون مەركىزىي شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش ئومۇمىيىتىدىكى تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش. تەرەققىيات نىشانى: 2015 – يىلىغا بارغاندا، ئىككى تەرەققىيات رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاپ، ئىلمىي مۇۋاپىق، خاسلىقى روشەن، ئىقتىدارى يۈرۈشلەشكەن، ماس تەرەققىي قىلغان بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە سانائەت سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ ھەم ياخشى، ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سېلىش؛ 2020 – يىلىغا بارغاندا، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، كەسىپ رىقابەت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. قۇرۇشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: بىر تۇتاش پىلانلاپ، دومىلىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ فۇنكسىيەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماس تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  يىغىندا يۇقىرىدىكى نىشانلارغا ئاساسەن: گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئېلان قىلغان يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەققىيات رايونىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات پىلانىنى يۇقىرىغا يوللاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلاپ، ئىككى تەرەققىيات رايونىنىڭ پەۋقۇلئاددە باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى تېزدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولغان، ئۆزگىرىش، ئىسلاھاتقا ماسلىشالايدىغان، قابىلىيەتلىك، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى، ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارى كۈچلۈك، بازارنى يېتەكچى قىلغان باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە باشقۇرۇش قوشۇنى بەرپا قىلىش نۆۋەتتىكى مۇھىم خىزمەت، دەپ بېكىتىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىككى تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىدا يۇقىرى پەللىنى گەۋدىلەندۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش، بولۇپمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ، ئومۇمىي پىلاننى ياخشى تۈزۈش كېرەك. مۇھىت قۇرۇلۇشىغا، شۇ جايدىكى ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئىختىساسلىقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىلىرىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  يىغىنغا يەنە چيەن جى، جاپپار ھەبىبۇللا، جىن نو، جۇ چاڭجيې، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، ۋاڭ يۇڭمىڭ، لەي سېيى، يۈ شيۇدۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە