باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيەنىڭ مىللىي دىنى سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

2012.02.17 14:22        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 16-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 15-فېۋرالدىن باشلاپ، شىنجاڭ بويىچە پارتىيەنىڭ مىللىي دىنىي سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىرلىك سەپ خىزمىتى كادىرلىرى، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلاردىن تەركىب تاپتى. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلەردە مۇناسىپ تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى قۇرۇلۇپ، بىرلا ۋاقىتتا يېزا-بازارلار، كوچىلار، مەھەللىلەرگە بېرىپ تەشۋىق قىلدى.

  بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن چىقىرىلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم قارارى. بۇ قېتىمقى تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى: دېنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق ئاممىنى ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەش؛ ۋەتەننىڭ بىرلىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، قانۇننىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش؛ زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش؛ قانۇن، تەرتىپنى تەكىتلەش؛ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە تەسىرىنى توسۇش ۋە تۈگىتىش. دېننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلىشىشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش، بىرلىكتە گۈللىنىش تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە روھى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بىلەن تەمىنلەش.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە