باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش كېرەك

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پاكلىقىنى ساقلاش كېرەك

2012.02.10 16:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: ج ك ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2 – ئومۇمىي يىغىنى 9 – فېۋرال ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ج ك پ 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 7 – ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى ئورۇنداشنى زىچ چۆرىدەپ، جازالاش، تۈزەشنى كۈچەيتىپ ۋە چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشنى نىشان قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى، چې جۈن، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، شيۇڭ شۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنتىزامنى چىڭىتىش، قاتتىق باشقۇرۇش، چىرىكلىكنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قەرەللىك تەكشۈرۈش، مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام، قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار ئادەم كۈچى، مالىيە، مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ھالقىلىق ئىش ئورنى ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، تېرلغۇ يەرنى تېجەش، مۇھىت ئاسراش، زور تۈر قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاشقا دائىر سىياسەت – تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئىستىل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىستىلىگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شىنجاڭچە روھنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورگان ئۈنۈم قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، رەھبىرىي ئورگان ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىستىل جەھەتتە كۆرۈلگەن نۇقتىلىق مەسىلىلىرىنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. تەربىيەلەشنىڭ تايانچ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش، چەكلەش تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنتىزام – قانۇنغا خىلاپ دېلولار، بولۇپمۇ چوڭ دېلو، مۇھىم دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىنى جازالاشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇش كېرەك. رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىشىشكە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇش، ئورتاق باشقۇرۇش ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇش، تارماقلار ئۆز ئالدىغا مەسئۇل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامما قوللايدىغان ھەم قاتناشقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىغا تايىنىپ، پۈتكۈل پارتىيە ۋە جەمئىيەتتە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىنتىزام ئىستىلى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ ئەيرۇڭ:‹‹ئومۇمىيەتكە خىزمەت قىلىپ، ئەمەلىيەت جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك›› دېگەن تېمىدا خىزمەت دوكلاتى بېرىپ، ئۆتكەن يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى، 2012 – يىللىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە