باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

ياخشى كەيپىيات ۋە ۋەزىيەتنى ساقلاپ، 2012–يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك

2012.01.05 15:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چېڭ لىشىن خەۋىرى : 4 – يانۋار يېڭى يىل بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى. بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ 2012 – يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىنى ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2012 – يىللىق ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››(بېكىتىشكە يوللانغان نۇسخا)نى مۇزاكىرە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيانقى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى يېڭىلاپ، مەركەز، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ۋەزىيەت ۋە كەيپىياتنى ساقلاپ ھەم ئۇنى مۇستەھكەملەپ، 2012 – يىللىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  نۇر بەكرى، خەن يۇڭ، پېڭ يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، شيۇڭ شۈەنگو، جىن نو، جۇ چاڭجيې، خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ليۇ يەنلياڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: رەئىس خۇ جىنتاۋنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە دۆلىتىمىزنىڭ بۇلتۇرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى يىغىنچاقلاندى ھەم پۈتۈن پارتىيە، ھەر مىللەت خەلققە 2012 – يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنياغا تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىقنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش ئىشەنچىمىز ھەم گۈزەل تىلىكىمىز يەتكۈزۈلدى. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركەزنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، قارارى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىككە دائىر خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2012 – يىللىق ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››(بېكىتىشكە يوللانغان نۇسخا) مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقانلار ئەركىن پىكىر قىلىپ، ئۆزگەرتىش توغرىسىدا پىكىر، تەكلىپ بەردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئېچىلىش ئالدىدىكى ‹‹ئىككى يىغىن››ى ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىن كېيىنكى مۇھىم يىغىنلىرى بولۇپ، ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى ياخشى تۈزۈش ‹‹ئىككى يىغىن››نى ياخشى ئېچىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ‹‹دوكلات››(بېكىتىشكە يوللانغان نۇسخا)تا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا بېكىتىلگەن نىشان، ۋەزىپە، خىزمەت تەلەپلىرى نامايان قىلىندى. ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› (بېكىتىشكە يوللانغان نۇسخا)تا خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى، ئەلرايى تولۇق مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئۆزگىرىش ياساش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش تەلىپى نامايان قىلىندى. دوكلات تۈزۈش جەريانى دېموكراتىيە تولۇق جارى قىلدۇرۇلغان، ئەلرايىغا تولۇق قۇلاق سېلىنغان، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتى كۆپ جەھەتتىن توپلانغان جەريان بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇسى ۋە تەقەززاسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق تەلەپ قىلدى: دوكلاتنى ئۆزگەرتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. 2011 – يىللىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئىلمىي تەرەققىيات يولىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىشىمىز؛ ئىدىيەنى ئاپتونوم رايونلۇق 8 – قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ئاساسىدا ئەستايىدىل بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىنى يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى ئاز قىلىپ، كۆپرەك ئىشلىشىمىز؛ ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، قاراشنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ ئېڭى ۋە تەخىرسىزلىك ئېڭىمىزنى چىڭىتىپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭچە ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىمىز كېرەك. يېڭى يىلدا، ‹‹تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتەلەيمىز، تىرىشقاندىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ›› دېگەن ئىدىيەنى داۋاملىق تەكىتلەپ، ھازىرقى ياخشى كەيپىيات ۋە ۋەزىيەتنى ساقلاپ، تۈرلۈك خىزمەتنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە