شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار سۈت پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 100 مىليون يۈەن ئاجرىتىدۇ
2010.01.06 17:05
شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 6-نويابىر تېلېگراممىسى شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار سۈت پىلانىنى يولغا قويغان يېرىم يىلدىن بۇيان، جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ئىدارىلىرى بۇ پىلان ئۈچۈن 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتتى، تولۇقلىما پۇلدىن بەھرىلەنگەن ئوقۇغۇچى 753 مىڭغا يەتتى.
ش ئۇ ئا ر سۈتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6 ئاي بۇرۇن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە ئىدارىلىرى ئوقۇغۇچىلار سۈت پىلانى ئۈچۈن 158 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونۇم رايون مالىيەسىدىن ئاجرىتىلغان 58 مىليون 100 مىڭ يۈەن تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. «ئوقۇغۇچىلار سۈت پىلانى» نىڭ تولۇقلىما پۇل پىلانى يىل ئاتلايدىغان بولغاچقا، نۆۋەتتە ھەر دەرىجىلىك ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەردە %50 تولۇقلىما پۇل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بولغان.شىنجاڭدىڭى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «ئوقۇغۇچىلار سۈت پىلانى»نى يولغا قويغان، شارائىتى ھازىرلانغان ناھىيە (شەھەر) ،بازارلار مەجبۇرىي مائارىپ جەريانىدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا كۈندە بىر خالتا ئۆلچەم بويىچە سۈت تەمىنلەيدۇ، ھەر بىر خالتا سۈتكە بىر يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە