باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل»ۋەقەسىدە مال-مۈلكى ئەڭ زور زىيانغا ئۇچرىغان سودا چەكلىك دۇكىنى ئەسلىدىكى ئورنىدا قايتا تىجارەت باشلىدى
2009.11.19 16:06  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 18-نويابىر تېلېگراممىسى ھەر تەرەپنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ئارقىسىدا، ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە مال-مۈلكى ئەڭ زور زىيانغا ئۇچرىغان شىنجاڭ توڭ توڭ سودا چەكلىك شىركىتى جىلى ئاپتوموبىلى 4S دۇكىنى ئەسلىدىكى ئورنىدا 18-نويابىر قايتا تىجارەت باشلىدى.

  توڭ توڭ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى گو جيەنشىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :«ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى كۆپ قېتىم نەق مەيدانغا كېلىپ، بۇزغۈنچىلىققا ئۇچرىغان دۇكاننىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى، شۇنداقلا 3 مىليون يۈەن تۆلەم پۇلى بەردى ھەمدە تۈرلۈك باج ــ خىراجەتلەرنى ئازايتتى ھەم كۆتۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە جىلى گورۇھىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى، ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەردانە ياردىمى بىلەن، كارخانا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتا قۇرۇلدى.

  «‹5-ئىيۇل› دىن ھازىرغىچە بىز 200 دىن ئارتۇق ماشىنا ساتتۇق، سېتىلىش ئەھۋالى بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى ياخشى، ھازىر ھەركۈنى ئىستېمالچىلار دۇكانغا كېلىپ ماشىنا كۆرۈپ سىناپ باقىدۇ.مەن يەنە يېڭىدىن بىر تۈركۈم مال سېتىش خادىملىرىنى قوبۇل قىلدىم. ھازىر دۇكىنىمدا ئۇيغۇر، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ تۆت مىللەت خادىملىرى ئىشلەيدۇ» دېدى گو جيەنشىن مۇخبىرغا.

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved