دۇنيادىكى داڭلىق 11 كارخانا ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتى
2009.11.13 17:14
11-نويابىر، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسىدىن ئېگەللىشىچە، ئەمدىلا ئاياغلاشقان 2009-يىللىق چەتئەل مەبلىغىدىكى كارخانىلارنى يىللىق بىرلەشمە تەكشۈرۈشتە، ئۈرۈمچىدىكى 218كارخانا تەكشۈرۈشكە قاتناشقان، يىللىق تەكشۈرۈشنى تاماملىغان كارخانىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن 13ى كۆپەيگەن. ھازىرغىچە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىچىدىكى 11 كارخانا ئۈرۈمچىگە مەبلەغ سالغان. (لى مىنيەن خەۋىرى)
مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)