باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
شىنجاڭ: A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋاكىسىنىسىغا قالايمىقان ھەق ئېلىش قىلمىشىنى تەكشۈردى
«12358» مەلۇم قىلىش تېلىفونى پۈتۈن كۈن ئېچىلىدۇ
2009.11.06 15:16  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام H1N1 ۋاكىسىنىسىنىڭ خىراجىتىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئەگەر سىز ۋاكسىنا ئەملەش جەريانىدا، ھەق تۆلەشنى تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋالغا ئۇچراپ قالسىڭىز، خالىغان ۋاقىتتا «12358» غا تېلېفۇن قىلىپ، ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ. شىنجاڭ مال باھا تارماقلىرى تېز سۈرئەتتە ئەھۋالنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق باھا نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شىنجاڭ ‹12358» تېلېفونىنىڭ پۈتۈن كۈن راۋان ئۇلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، مەلۇم قىلىنسىلا جاۋاب بېرىمىز. مەلۇم قىلىنغان دېلولارنى ئەستايىدىل قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەرزىنى تىز تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز، مەلۇم قىلىنسىلا چوقۇم تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى بولۇشىنى ئورۇندايمىز.

  مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved