شىنجاڭدا تۆت تۆمۈر يول يېڭى لىنىيىسى ئېچىلدى
2009.11.06 14:16
گېزىتىمىز ئۈرۈمچى 5-نويابىر تېلېگراممىسى 5-نويابىر، شىنجاڭ تۆمۈر يولى جىڭ ــ غۇلجا ــ قورغاس لىنىيىسى، ئۈرۈمچى ــ جىڭ 2-لىنىيىسى، كۇيتۇن ــ بېيتۇن لىنىيىسى، ئۈرۈمچى ــ جۇڭغار لىنىيىلىرى پۈتۈپ ئېچىۋېتىلدى. ھەمدە يىل ئاخىرىغىچە قاتناش باشلىنىدۇ. بۇ تۆت تۆمۈر يول لىنىيىسىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا پۈتۈپ ئېچىلىشى شىنجاڭ تۆمۈر يول قۇرۇلۇش تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.
بۇ تۆت تۆمۈر يول ئىچىدە، جىڭ ـ ئىلى ــ قورغاس تۆمۈر يولى شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېلېكتىرلەشكەن تۆمۈر يول، شەرقتە لەنجۇ ــ شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ جىڭخې بېكىتىدىن باشلانسا، غەربتە جۇڭگو ــ قازاقىستان چېگرا پورتى قورغاسقىچە بارىدۇ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 268 كلومېتىر. بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلۇش باشلىغان ئۈرۈمچى ــ جىڭخې ئىككىنچى لىنىيىسى، لەنجۇ ــ شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ ئۈرۈمچى غەربىي بېكىتىدىن باشلىنىپ، سانجى، شىنخەنزە، كۇيتۇننىڭ شىمالى، شىخۇدىن جىڭخې بېكىتىگىچە بارىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 381.5 كىلومېتىر. كۇيتۇننىڭ شىمالىدىكى تۆمۈر يول شەرقتە لەنجۇ ــ شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ كۇيتۇن بېكىتىدىن باشلانسا، شىمالدا قارىماي، ئورقۇ، بۇرۇلتۇقايدىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ــ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش نۇقتىلىق رايونىغىچە بارىدۇ. ئومۇمىي مۇساپىسى 468.5 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى ــ جۇڭغار تۆمۈر يولى شىنجاڭدىكى بىرىنچى شېرىكلەشكەن تۆمۈر يول بولۇپ ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 264 كىلومېتىر. (مۇخبىر دەي لەن)
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)