6 ئوقۇغۇچىدا تارقىلىشچان زۇكام ئالامىتى كۆرۈلسە، پۈتۈن سىنىپ بىر ھەپتە دەرس توختىتىدۇ
2009.11.03 16:19
 |
سۈرەتتە، 1-نويابىر، بىمار بىڭتۈەن دوختۇرخانىسىنىڭ قىزىپ قالغان كىشلەرنى ئالدىن تەكشۈرۈش ئورنىدا ئەھۋال ئىگەللەۋاتىدۇ.
|
2-نويابىردىن باشلاپ،پۈتۈن شەھەردىكى بارلىق تەربىيلەش سىنىپلىرى، دەرس تەكرارلاش سىنىپلىرى ۋە قىزىقىشنى يىتىلدۈرۈش سىنىپلىرى پۈتۈنلەي دەرس توختىتىدۇ. بىر سىنىپتا 6 ئوقۇغۇچىدا تارقىلىشچان زۇكام ئالامىتى كۆرۈلسە، پۈتۈن سىنىپ بىر ھەپتە دەرس توختىتىدۇ،دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ.
شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۈن خەي مۇنداق دىدى: «ھازىردىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەت پىراكتىكىسى، مەھەللە مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ. ھەر قايسى مەكتەپلەر چوڭ كۆلەملىك يىغىلىشلارنى تەشكىللەشتىن ساقلىنىشى كېرەك.»
ئىگەللىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرمۇ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلىگەن.
A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام H1N1 كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلار بىمارلارغا تېخمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن قىزىغان كىشلەرنى ئالدىن تەكشۈرۈش تارماق نۇقتىلىرىنى قۇرغان.
مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)