باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى خاتىرە سارىيى يىل ئاخىرىدا يېڭى قىياپەتتە مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدۇ
2009.11.03 16:16  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  29-ئۆكتەبىر، مۇخبىرنىڭ ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانلار خاتىرە سارىيىدىن ئىگەللىشىچە، قايتىدىن رېمونت قىلىنغان خاتىرە سارىيى يىل ئاخىرىدا يېڭى قىياپەتتە ئېكىسكۇرسىيىگە كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالىدىكەن.

  دۆلەتلىك قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىنى زور تەسىر كۈچى بولغان ئاۋات ساياھەت نۇقتىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى، ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى بۇ يىل 15 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئېلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانلار خاتىرە سارىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ دۆلەتلىك قەھرىمانلار قەبرىستانلىقىنى كىڭەيتىپ قۇرىدىكەن.

  بۇنىڭدا ئاساسلىقى قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى باغچىسىدىكى قەھرىمانلار كۆرگەزمىخانىسى، قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارى، قەھرىمانلار قەبرىسى ئۆزگەرتىلىپ ياسىلىدىكەن، قەبرىستانلىق باغچىسى يېشىللاشتۇرۇلۇپ، يورۇتۇلىدىكەن. بولۇپمۇ قەھرىمانلار كۆرگەزمىخانىسىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىدە، قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ۋە تارىخىي ماتېرىياللار ئاساس قىلىنىپ، ئۇسسۇل، رەسساملىق، ھەيكەلتاراشلىق قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، فانتازىك كۆرسىتىش پايدىلىنىپ، كۆپ ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور ئىكرانى، فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە تېمى، مەيدان مەنزىرىسى كۆپەيتىلمىسى قاتارلىقلارنى نامايەن قىلىش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭ ئازادلىقى، قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتى، مۇقۇملىقى ئۈچۈن ھاياتىنى قۇربان قىلغان قەھرىمانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەقىقىي، جانلىق ئىپادىلىنىدىكەن.بۇ قېتىمقى رېمونتقا 5مىليون 700مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، رېمونت 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان. بۇنىڭدا قوغداش، ئۆرگەرتىش ئاساس قىلىنىپ، ئەسلىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئورنى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۆزگەرتىلمەي، قەبرىستانلىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانلىرى خاتىرە سارىيى ئىچىدە قەھرىمانلار كوللېكتىپ ھەيكىلى ياسالدى.

  مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved