باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
قەشقەر شەھىرى تارىخىي قۇرۇلۇشلار ئۈستىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ
ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىگە قۇرۇلۇشلارنى قوغدىدى
2009.11.02 16:10  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  قەشقەر شەھىرى كونا شەھەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كونا شەھەر رايونىدىكى تارىخىي قىممەتكە ۋە مۇنەۋۋەر مەدەنىي ئەنئەنىگە ئىگە قۇرۇلۇشلارنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەردى، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى رايونىنى قەدىمىي ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ چىقتى.

  قەشقەر كونا شەھەر رايونى نۆۋەتتە ئىلىمىزدە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر غەربىي يۇرت خاسلىقىغا ئىگە بولغان ئۈلگىلىك ئەنئەنىۋى تارىخىي كوچا. بۇ كوچىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا كۆپلىگەن تارىخىي قۇرۇلۇشلار، قەدىمىي ئولتۇراق ئۆيلەر ۋە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن سېلىنغان ئاز سانلىق مىللەت پۇرىقى بولغان ئۆيلەر بار بولۇپ، بۇلار قەشقەرنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت گۈزەل سەنئىتىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ۋە قۇرۇلۇش خاسلىقىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم ئىسپات، شۇنداقلا، جۇڭگو، چەتئەللىك ساياھەتچىلەر چوقۇم بارىدىغان جاينىڭ بىرى.

  بۇلاق مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق يالقۇن ھاجىنىڭ ئۆيىنىڭ 140يىلدىن ئارتۇق تارىخى بار بولۇپ، قەشقەر كونا شەھەر رايونى ئاھالىلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمەتچىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگەللەپ، سۈرەتكە تارتىپ، ماتېرىيال توپلىدى. ئۇ خۇشال ھالدا:«ھۆكۈمەت ناھايتى ئەتراپلىق ئويلىشىپتۇ، ھۆكۈمەت قوغداش خاراكتىرلىك تىزىملاش ئېلىپ باردى، مىللىي مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان مۇنەۋۋەر ئۆيلەر چوقۇم ياخشى مىراس بولۇپ قالىدۇ» دېدى.

  مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved