شىنجاڭدا جەمەت بويىچە زەھەر سېتىش دېلوسى پاش قىلىندى
2009.10.30 16:47
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئۈرۈمچى 28- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى شىنجاڭ ج خ چېگرا قوغداش باش ئەترىتى 28-چېسلا بىر جەمەت بويىچە زەھەر سېتىش دېلوسىنى پاش قىلىپ، 7 نەپەر جىنايەت گۇماندارنى تۇتۇپ، 814.2 گرام خىروئىننى ۋە نۇرغۇن زەھەرلىك بويۇم مەبلىغىنى قولغا چۈشۈردى.
27-ئۆكتەبىر، شىنجاڭ ج خ نازارىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، شىنجاڭ ج خ چىگرا قوغداش باش ئەترىتى بىر جەمەت بويىچە زەھەر سېتىش گۇرۇھىنى بىتچىت قىلىپ، 6 نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى، بىر قىىسم زەھەر ۋە زەھەر پۇلىنى قولغا چۈشۈردى. 27- ئۆكتەبىر چېگرا قوغداش ساقچىلىرى جىنايەت گۇماندارى مە** ئەر-ئايالنىڭ مەخسۇس ئادەم ئارقىلىق يۈننەندىن ئۈرۈمچىگە زەھەر يۆتكەپ ساتىدىغانلىقىنى، جىنايەت گۇماندارىنىڭ «27-سېنتەبىر» جەمەت بويىچە زەھەر سېتىش گۇرۇھىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ دېلو تاق لىنىيىلىك ئالاقىلىشىپ، پارچە ئوراپ سېتىشنىڭ تىپىك مىسالى بولۇپ، جەمەت بويىچە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىش تەقسىماتى ناھايىتى ئېنىق بولغان.
مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)