شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيىسى لوپنۇرلۇقلار كەنتىنى كىڭەيتىدۇ
2009.10.30 14:31
شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيىلىك ساياھەت ئىدارىسى يېقىندا كەلگۈسى 3 يىل ئىچىدە 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2009 -يىلى شىنجاڭ لوپنۇر ناھىيىسى 3 مىليون يۈەندىن ئاشۇرۇپ مەبلەغ سېلىپ، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لوپنۇرلۇقلار كەنتىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە، ساياھەتچىلەرگە تېخمۇ كۆپ قولايلىقلارنى يارىتىپ بەردى. بۇ يىل 8-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، لوپنۇرلۇقلار ناخشا-ئۇسۇل ۋە توي مۇراسىمىدىن 82 مەيدان ئۆتكۈزدى، بۇنىڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى ھوزۇرلاندى ۋە پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)