باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
شىنجاڭ ئالاھىدە سەنئەت كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى
2009.10.30 14:26  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  «ئەڭ گۈزەل جاي يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ» ئالاھىدە سەنئەت كۆرگەزمىسى يېقىندا بېيجىڭ 798 سەنئەت بېغى رايونى زامان بوشلۇقىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئالاھىدە كۆرگەزمىگە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، شىبە قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان 30 سەنئەتكارنىڭ 100 پارچىگە يېقىن ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، ماي بوياق، فوتو-سۈرەت، ئويما ھەيكەل، لاي ھەيكەل، رەخت سەنئىتى، كىيىم-بېزەك، قاشتېشى ئويمىسى، ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىق ئالاھىدە ئىگە بولغان گۈزەل- سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىگەللىنىشچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىر تۇتاش پىلانلىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى مەدەنىيەت ــ ئىجادىيەت كەسپى رايونى ــــ 7-كوچا ئىجادىيەت كەسىپى توپلاشقان رايوندا ئۆتكۈزگەن. پائالىيەت ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن بۇ قېتىمقى ئالاھىدە سەنئەت كۆرگەزمىسى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىناق-ئىتتىپاق، گۈزەل ئوبرازىنى سۆرەتلەپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت ساھەسىگە ئىشەنچ ۋە ھاياتىي كۈچ بېغىشلاپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ــ ئىجادىيەت كەسپىنىڭ ئۇزاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلدى.

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved