شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى زوراۋانلىقنى تۈگىتىپ، قورال-ياراغلارنى يېغىۋىلىش ھەرىكىتىدە يېغىۋېلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق قورالنى كۆيدۈرۈۋەتتى
2009.10.29 15:39
27-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى زوراۋانلىقنى تۈگىتىپ قورال-ياراغلارنى يېغىۋىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىدە يېغىۋىلىنغان 10 مىڭدىن ئارتۇق قورال كۆيدۈرۈۋېتىلدى.
2007-يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ھەر دەرىجىلىك جامائەت خەپسىزلىك ئورگانلىرى زوراۋانلىقنى تۈگىتىپ،قورال-ياراغلارنى يېغىۋىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان ئىدى. 3 يىلدىن بۇيان، قورالغا مۇناسىۋەتلىك دېلودىن 83نى ئېنىقلاپ، قورال-ياراغقا ئالاقىدار تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايەت گۇماندارىدىن 95 ىگە زەربە بېرىپ بىر تەرەپ قىلدى. ھەر خىل تىپتىكى قورالدىن 6932 سى، 355 مىڭ 587 تال ئوق، تەقلىد قىلىپ ياسالغان مىلتىقتىن 12 مىڭ 63ى، پىچاقتىن 30 مىڭ 843ى يىغىۋېلىندى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايوندا قورال-ياراغقا چېتىشلىق چوڭ دېلو كۆرۈلمىگەن، قورال-ياراغلارنى يېغىۋىلىش ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.
جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قۇرالغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىنى، يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانسا پاش قىلغۇچىغا مۇكاپات بېرىلىدۇ. پاش قىلىش تېلفۇن نومۇرى: 5586113
مەنبە: شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)