ئۈرۈمچى شەھىرى 7000دىن ئارتۇق كىرا ماشىنىلىرىنىڭ قاتناش ھەققىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويدى
2009.10.14 17:02
ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى كىرا ماشىنىلىرىنىڭ قاتناش ھەققىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ سىياسەتتىن پۈتۈن شەھەردىكى 7 مىڭدىن ئارتۇق كىرا ماشىنىسى مەنپەئەتلەندى. بىر تۇتاش ئىدارە قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېي خيبونىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شەھەرلىك كومىتېت، شەھەرلىك ھۆكۈمەت پۈتۈن شەھەر بويىچە 7 مىڭدىن ئارتۇق كىرا ماشنىسىنىڭ قاتناش ھەققىنى ئۈچ ئاي كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلغان بولۇپ، ھەر بىر كىرا ماشىنىسى جەمئىي 305 يۈەن تىجەپ قالىدىكەن.
مەنبە:شىنخۇا تورى شىنجاڭ قانىلى
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)