باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>دىيارىمىز شىنجاڭ>>ئاقسۇ>>ئۈچتۇرپان ناھىيەسى

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك دوختۇرخانىسى ئۇنۋېرسال بىناسى تۈزەش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2015.12.15 13:40        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەربىيە ئەركىن خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، «ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك دوختۇرخانا ئىچكى بۆلۈم ئۇنۋېرسال بىناسى تۈزەش تۈرى قۇرۇلۇش تاماملاش مۇراسىمى» ناھىيەلىك دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ شۇجىسى، باشلىقى يولداش ۋاڭ شېڭ قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە قۇرۇلۇش تاماملاش تەبرىك سۆزى قىلدى.

  ئىگىلىنىشچە، ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك دوختۇرخانا ئىچكى بۆلۈم ئۇنۋېرسال بىناسى كۆپ يىللىق ئىشلىتىلىش داۋامىدا، ئىچكى ئەسلىھەلىرى كونىراپ، بىمارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان. بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى چۈجۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ يىل 5 - ئايدا ناھىيەلىك دوختۇرخانا ئىچكى بۆلۈم ئۇنۋېرسال بىناسى تۈزەش تۈرىدە ئىش باشلىغان بولۇپ، دېكابىر ئېيىنىڭ بېشىدا قۇرۇلۇش تولۇق تاماملىغان. بۇ قۇرۇلۇشقا جەمئىي 6 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى 4 مىليون يۈەن، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 8300 كىۋادىرات مېتىر كېلىدىكەن، ئىچكى بۆلۈمگە ئەسلىدىكىدىن 250 كارۋات كۆپەيتىلىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. بۇ تۈر قۇرۇلۇشى ناھىيەلىك دوختۇرخانىنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، بەلكى بىمارلارنىڭ بالنىستا يېتىپ داۋالىنىشى تەس بولۇش، بالنىسىت مۇھىتى ناچار بولۇش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىغا قولايلىق ئېلىپ كەلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر