باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>دىيارىمىز شىنجاڭ>>ئاقسۇ>>كۇچا ناھىيەسى

كۇچا ناھىيەسىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى

كۇچا ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمدىن نىياز راخمان تەمىنلىگەن

2015.12.21 12:41        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۇچانىڭ قەدىمقى نامى «كۈسەن» بۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا «چاسا يول ئېغىزى» دىگەن مەنىگە ئىگە، ئۇ شىنجاڭ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى باغرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالى چىگرسىغا جايلاشقان، ئومۇمى كۆلىمى 15 مىڭ 200 كۇۋادىرات كىلومىتىر، تەۋەلىكىدە سەككىز بازار، ئالتە يېزا، بەش دۆلەت ئىگىلىكىدىكى دېھقانچىلىق- چارۋىچىلىق مەيدانى ۋە تۆت كوچا باشقارما بار، ئۇمۇمى نۇپۇسى تەخمىنەن 500 مىڭ ئەتىراپىدا بۇلۇپ، ئويغۇرلارنى ئاساس قىلغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە. كۇچا ناھىيە ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ: تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيىتى پارلاق، رايۇن ئورنى ئەۋزەل، مەنزىرسى ئۆزگىچە، بايلىقى مول، يۇشۇرۇن كۈچى زور.

  تارىخى ئۇزۇن

  كۇچانىڭ قەدىمقى نامى “كۈسەن” بۇلۇپ، تارىختا ئاسىيا، ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى تۇتاشتۇردىغان ۋە ئالاقىلاشتۇردىغان كۆۋرۈك بۇلۇپ كەلگەن، “يىپەك يۇلى” دىكى مۇھىم بازار. كۈسەن__ غەربى يۇرتتىكى 36 بەگلىك ئىچىدىكى چوڭ بەگلىك شۇنداقلا ئەنشىدىكى تۆت بازارنىڭ بىرى، خەن، تاڭ دەۋرىدە كۈسەن ئىزچىل ھالدا مەركىزى خاندانلىقنىڭ غەربى يۇرتتىكى ھەر قايسى جايلارنى بىر تۇتاش باشقۇرۇشتىكى سىياسى مەركەز ۋە مۇھىم ھەربى ئىشلار بازىرىسى ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 60- يىلى غەربى خەن مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ جايدا غەربى يۇرت قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلغان، تاڭ سۇلالىسى مەركىزى ھۆكۈمىتى بۇ جايدا ئەنشى قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىنى تەسىس قىلىپ، غەربى يۇرتتىكى 36 بەگلىكنى باشقۇرۇپ، غەربى يۇرتتىكى 22 قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىگە يىتەكچىلىك قىلغان ھەمدە كۈسەن، قارا شەھەر، ئۇدۇن، سۇلى قاتارلىق تۆت بازاردا قۇشۇن تۇرغۇزغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلۇڭنىڭ 23- يىلى (1758- يىلى) چىڭ ھۆكۈمىتى بۇ يەردە ئىش بېجىرىش مەھكىمىسى قۇرۇپ، نامىنى كۇچا قىلىپ بېكىتكەن. 1913- يىلى رەسمى كۇچا ناھىيسى قىلىپ قۇرۇلۇپ، “مىڭ يىللىق كۈسەن، يۈز يىللىق كۇچا” گۈزەل نامىغا ئىرىشىش ئاساسىنى سالغان.

  مەدەنىيىتى پارلاق.

  كۇچا__ دۇنياغا مەشھۇر بولغان كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى شۇنداقلا جۇڭگۇ ۋە غەرىب مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىپ يۇغۇرۇلغان جايى، شۇڭا “غەربى يۇرتتىكى كۈي مەركىزى”، “ناخشا- ئۇسۇل ماكانى” دەيدىغان گۈزەل نامى بار. “كۈسەن مەدەنىيىتى” نىڭ مەنبىيى چۇڭقۇر، خەن، تاڭ دەۋرىدىلا دۆلەت- ئىچى سىرتىغا مەشھۇر بۇلۇپ، ئۇ ئاساسلىقى مىڭ ئۆي، قاپارتما سۆرەت سەنئىتى ۋە كۈسەن ناخشا- ئۇسۇلىدا گەۋدىلىنىدۇ. كۈسەن بۇددىزىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكى مەنىسى چۇڭقۇر بۇلۇپ، پەقەت ھىندىستان بۇددىزىم مەدەنىيىتىنىڭ شەرىققە تارقىلىشىدىكى ۋاستە ۋە كۆۋرۈكلا بۇلۇپ قالماستىن يەنە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بۇددا دىنىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى بولغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ بۇددا ئۆلىماسى شۈەنزاڭ غەرىبدىن نوم ئېلىپ قايتىش سەپىرىدە، بۇ جايدا بىر نەچچە ئاي تۇرۇپ دىن تارقىتىش، نوم تەپىسر قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى زاماندىكى داڭلىق بۇددىزىم ئۆلىماسى كومراجىۋامۇ كۈسەنلىك راھىب ئىدى، تاڭ دەۋرىدە كۈسەن ناخشا- ئۇسۇللىرى ئىككى ئاستانىگە كىرىپ، ئوردا زىياپىتىدىكى ناخشا- مۇزىكىلارنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ئايلىنىپ، جۇڭگۇ ناخشا- مۇزىكا تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق بىر بەتنى يىزىپ چىققان. تاڭ دەۋرىدىكى داڭلىق مۇزىكانت سۇجۇپمۇ كۈسەنلىك بۇلۇپ، ئۇ ئىجاد قىلغان داڭلىق مۇزىكا “باربىت كۈيى” تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوردا زىياپەت مۇزىكىسى قىلىپ بېكىتىلگەن. 2012- يىلى 3- ئاينىڭ 15- كۈنى گوۋۇيۈەن كۇچا ناھىيسىگە رەسمى ھالدا “دۆلەت دەرىجىلىك تارىخى مەدەنىيىتى مەشھۇر شەھەر” دەپ نام بەردى.

  رايۇن ئورنى ئەۋزەل

  كۇچا__ جەنۇبى شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاستنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنى شۇنداقلا جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن شىمالى شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش جان تۇمۇرى، ئۇنىڭ چىگىرا ئىچىدىكى قاتنىشى قولايلىق، دۆلەت يۇلى 314- لىنىيىسى، 217- لىنىيىسى ناھىيە بازىرىدا كىسىىشدۇ، جەنۇبى شىنجاڭ تۆمۈر يۇلى ناھىيىنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتۈپ، ئاۋىئاتسىيە يۇلى بىۋاستە ئۈرۈمچىگە تۇتاشقاچقا، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈر يول، تاش يول ئۆز- ئارا بىرلەشكەن يولوچى، مال تۇشۇپ توپلاشتۇرۇپ تارقاقلاشتۇرۇش ئورنى بۇلۇپ قالدى، شۇڭا ئۇ شەرىقتىن كىلىپ غەرىپتىن چىقىش، جەنۇبنى تۇتاشتۇرۇپ شىمالغا كېڭىيىشتەك رايۇن ئەۋززەلىكىگە ئىگە. نۆۋەتتە يېقىنقى مەزگىللىك C4، يىراق مەزگىللىك D4 كۇچا كۈسەن ئايرۇپورتى ۋە كۇچا- ئۇقۇربۇلاق تۆمۈر يۇلى، كورلا- كۇچا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيۇلى، كۇچا- ئاقسۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيۇلى، دۆلەت يۇلى 217- لىنىيىسىنى لايھەلەپ كۆلەملەشتۈرۈپ كېڭەيتىپ قۇرۇش قاتارلىق تۈرلەر ئارقا- ئارقىدىن پۈتۈپ ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جەنۇبى شىنجاڭ تۈمۈر يۇلىنىڭ قوش لىنىيىسى پۈتكەندىن كىيىن كۇچانىڭ رايۇن ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

  مەنزىرسى ئۆزگىچە.

  كۇچا__ شىنجاڭدىكى تۆت چوڭ ساياھەتچىلىك ناھىيە شەھەرنىڭ بىرى. قۇييۇق مىللىيچە ئالاھىدىلىك، مول ئىچىكى مەنىلىك مەدەنىيەتكە ئىگە بۇلۇپ، ساياھەت بايلىقى مول ھەمدە قاتلىمى يۇقىرى، ئۆزگىچىلىكى گەۋدىلىك، تۈرلىرى تۇلۇق، “ھەيۋەتلىك، مۆجىزىلىك، خەتەرلىك، سالاپەتلىك، گۈزەللىك” بىر گەۋدىلەشكەن، تاغ تىزما، دەريا- جىلغا، يايلاق، قۇملۇق، دەريا ئېقىنى، شاقىراتما قاتارلىق ئوخشاشمايدىغان مەنزىرە ۋە يەر قاتلاملىرى بار. چىگىرىسى ئىچىدە مىڭ ئۆي، قەدىمى شەھەر قەلئەسى، تۇر قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقىدىن 80 دىن كۆپ ئۇرۇندا بۇلۇپ، 500 دىن ئارتۇق غار، ئۆڭكۈر، 20 مىڭ كۇۋادىرات مېتىردىن كۆپرەك قاپارتما رەسىم بار، نۇقتىلىق قوغدىلدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن دۆلەت دەرىجىلىكتىن ئالتىسى، ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىكتىن 29 بار. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنى ۋە ئىسلام دىنى ئۇسلۇبى ئۆز- ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن داڭلىق مەنزىرە رايۇنى بولغان ئوردا ئىمارىتى__ كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، دۆلەت ئىچىدىكى بىردىن بىر مەملىكەت بۇيىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى بولغان يەككە گەۋدە__ خەن دەۋرىدىكى قىزىل قاغا تۇرى، تاڭ شۈەنزاڭ بىر نەچچە ئايغىچە نوم تەپسىر قىلغان شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بۇددىزىم ئىزناسى__ سۇ باش بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى، شىنجاڭدىكى بىردىن بىر ساقلىنىپ قالغان دىنى سوراقخانا خارابىسى بولغان ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى قوغدىلىدىغان ئۇرۇن__ كۇچا خانقاسى ۋە تەبىئەت مۆجىزىسى بولغان تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى، قىزىليا تاش ئورمىنى، شالدىراڭ ئوزگىچە مەنزىرسى ۋە يارداڭلىق يەر قاتلىمى، قارلىق چوققىنىڭ جۇلاسى ئاستىدىكى تەڭرىتاغ چوڭ- كىچىك كۆلى، دۈنخۇاڭدىكى موگاۋلۇڭ، لوياڭدىكى لۇڭمىن مىڭ ئۆيلىرى ۋە يۇنگاڭ مىڭ ئۆيلىرى بىلەن بىر قاتاردا سانىلىدىغان كۈسەن مىڭ ئۆيلىرى، كەچكى شەپەق ئاستىدىكى تارىم دەرياسى ۋە ئالتۇن رەڭ توغراقلىق قاتارلىقلار بار. “كۈسەن مەدەنىيەت ساياھەتچىلىك مەنزىرە رايۇنى” “ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئون داڭلىق مەنزىرە ساياھەتلىك رايۇنى ” نىڭ بىرى بۇلۇپ باھالىنىپ، ئاپتۇنۇم رايۇندىكى “بەش رايۇن، ئۈچ لىنىيە” ئالتۇن ساياھەتچىلىك رايۇنىنىڭ مۇھىم تەشكىلى قىسمىغا ئايلىنىپ، ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ “جۇڭگۇدىكى جەلىپكار داڭلىق ناھىيە”، “جۇڭگۇدىكى ئون چوڭ ساياھەتچىلىك مەدەنىيەت شەھىرى”، “جۇڭگۇدىكى ئون چوڭ ئارامگاھ مەنزىلى ”، “جۇڭگۇدىكى كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان جاي” قاتارلىق ناملارغا ئىرىشتى.

  بايلىقى مول

  كۇچا__ شىنجاڭ ھەتتاكى پۈتكۈل غەربى شىمال رايۇنىدىكى بايلىق مول مەركەزلەشكەن ناھىيە. نىفىت، تەبئى گاز بايلىقى مول، تارىمدىكى نىفىت تەبئى گاز ئېچىشنىڭ ئاساسلىق جەڭ مەيدانى، دۆلەتنىڭ “غەرىبنىڭ گازىنى شەرىققە يەتكۈزۈش” قۇرۇلۇشىنىڭ گاز مەنبەسى. چىگىرا ئىچىدە تەكشۈرۈپ بايقالغان تەبئى گاز زاپاس مىقدارى 2 تىرلىيون كۇپ مىتىردىن ئارتۇق، خام نىفىت زاپاس مىقدارى 1.5 مىليارد توننىدىن كۆپ. كۇچا__ شىنجاڭدىكى بەش چوڭ كۈمۈردىن توك چىقىرىش، كۇكىسلاشتۇرۇش، كۈمۈر خېمىيە- سانائەت بازىسى شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىلىكتىر كۈچى بازىسى ھەمدە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئىلىكتىر كۈچى تۈگىنى، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ئىتىكىدىكى بايلىق بەلبىغىنىڭ مەركىزى، مۆلچەرلىنىشىچە كۆمۈر زاپاس مىقدارى 100 مىليارد توننا ئەتىراپىدا بۇلۇپ، تەكشۈرۈپ بايقالغان زاپاس مىقدارى 3.2 مىليارد توننا، ئاساسلىقى گاز كۆمۈر، كۇكىس كۆمۈر، ياغلىق كۆمۈر قاتارلىقلار بۇلۇپ، كۇكىس تاۋلاش، توك چىقىرىش ۋە كۆمۈرچىلىك خېمىيە سانائىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىشكە بۇلىدۇ. ئۇنىڭدىكى كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنىڭ زاپاس مىقدارىمۇ كىشىنى خوشال قىلىدىغان بۇلۇپ، چىگىرا ئىچىدىكى كۋارتىس قۇمىنىڭ زاپاس مىقدارى تەخمىنەن تۆت مىلىيون 300 مىڭ توننا بۇلۇپ، سۈپەت قاتلىمى %95 يۇقىرى؛ كاربۇنلۇق تۇزنىڭ زاپاس مىقدارى ئۈچ مىليارد 600 مىليون توننا، گەش، فار- فۇر توپا، ھاك تېشى، مەرمەر تاش، تۆمۈر، مانگان قاتارلىق ئون نەچچە خىل كان مەھسۇلاتلىرىدا بىردەك نىسبەتەن چوڭ زاپاس مىقدارى ۋە قېدىرىپ ئېچىش قىممىتى بار. سۇ، تۇپراق، قۇياش نۇرى، ئىسىقلىق بايلىقى مول، تۇپرىقى مۇنبەت قۇياش نۇرىنىڭ يۇرۇتۇشى يىتەرلىك، شەبنەمسىز مەزگىلى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزلىك تېپمىراتۇرا پەرقى چوڭ بۇلۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇھىم بولغان تاۋار ئاشلىق، تاۋار پاختا بازىسى، دۆلەتلىك دېھقانچىلىق مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى تەرپىدىن “جۇڭگۇ ئاق كىشمىش ئۈرۈك ماكانى” دەپ نام بىرىلگەن. چىگىرا ئىچىدىكى ئۆگەن دەرياسى، كۇچا دەرياسى قاتارلىق ئىككى دەريا سېستىمىسىنىڭ يىللىق ئېقىم مىقدارى بىر مىليارد 480 مىليون كۇپ مېتىر بۇلۇپ، پۇتۇن ناھىينىڭ سۇ بايلىقى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان سۇنى تەڭپۇڭلاشتۇرغاندىن كىيىنمۇ يىلىغا 374 مىليون كۇپ مېتىر سۇ ئېشىپ قالدىغان بولغاچقا، بۇ سۇ سانائەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشەنچىلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يۇشۇرۇن كۈچى زور

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز “سانائەت ئارقىلىق ناھىيىنى كۈچلەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىك ئارقىلىق ناھىيىنى مۇقىملاش، شەھەر قۇرلۇشى ئارقىلىق ناھىيىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ناھىيىنى يىتەكلەش، سودا، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق ناھىيىنى جانلاندۇرۇش، ئېكىلوگىيە ئارقىلىق ناھىيىنى تىكلەش” تەك ئالتە چوڭ ستىراتىگىيىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قۇيۇپ، “8631” قۇرۇلىشى ( “8” يەنى، نىفىت، تەبئى گاز خېمىيە سانائىتى، كۆمۈر، كۆمۈرچىلىك خېمىيە سانائىتى، ئېلىكتىر كۈچى ئېنىرگىيە بايلىقى، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى، كانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاۋلاش، پاختا تۇقۇمچىلىق ۋە كىيىم تىكىش، ماشىنسازلىق قوراشتۇرۇپ ئىش قۇشۇش ۋە ياساش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر قاتارلىق “سەككىز تۈۋرۈك كەسىپ”؛ “6” يەنى، مىۋە، چارۋا، ئاشلىق، پاختا، ئەسلىھەلىك يېزا- ئىگىلىك ۋە دېھقانچىلىك قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىغا ئىنچىكە ئىش قۇشۇش قاتارلىق “ئالتە چوڭ بازا”؛ “3”يەنى، شەھەر رايۇننى يادىرو، تارىم يېزىسى ۋە قۇزغۇن كانچىلىق رايۇنىنى ئىككى قانات، ئالقاغۇ بازىرى، چىمەن بازىرى، دۆڭقوتان بازىرى، ياقا بازىرىنى مەركەز قىلغان ئۈچىنچى تۈردىكى شەھەر- بازار گورۇپپا توپىنى قۇرۇش؛ “1” يەنى، “ئىككى ئالدىن” نىڭ باشلامچىلىرىدىن بۇلۇش) نى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن كىيىن، كۇچا ناھىيىسى نڭبونىڭ ساھالەر بۇيىچە ياردەم بىرىش ۋە دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەرىبنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشىدەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىسلاھ قىلىپ تەرەققى قىلىشتا كىشىنىڭ قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ مەملىكەت دەرىجىلىك مەدەنىي ناھىيە شەھرى، مەملىكەتلىك قوش ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە، مەملىكەت بۇيىچە پەن- تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىلغار ناھىيە، مەملىكەت دەرىجىلىك پاكىزە ناھىيە شەھرى، مەملىكەت بۇيىچە غەربى رايۇندىكى ئىككى ئاساسەن ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىلغار ناھىيە، دۆلەت دەرىجىلىك تارىخى مەدەنىيىتى مەشھۇر شەھەر، ئىككىنچى نۆۋەتلىك جۇڭگۇدىكى چىگىرا سىرتىدا ئەڭ تەسىرى كۈچكە ئىگە شەھەر (ناھىيە رايۇنى)، جۇڭگۇنىڭ غەربى رايۇنىدىكى ئەڭ مەبلەغ سېلىش يۇشۇرۇن كۈچىگە ئىگە يۈز كۈچلۈك ناھىيە (شەھەر) ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك تىنىچ ناھىيە قاتارلىق ناملارنى قولغا كەلتۈردى. ناھىيلىك پارتكوم “دۆلەتنىڭ غەربى رايۇننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشىدا گەۋدىلىك تۆھپە كۆرسەتكەن كوللىكتىپ” بۇلۇپ باھالاندى. 2013- يىلى، يەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇمۇمى قىممىتىنى 13 ملىيارد 880 مىليون يۈەن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پۈتكۈل جەمىيەت مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى 12 مىليارد يۈەن ئۇرۇنداپ، يەرلىك ئامىۋى مالىيە كىرىمىنى 2 مىليارد 748 مىليون يۈەن ئەمەلگە ئاشۇردى ؛ شەھەر- بازار ئاھاللىرىنىڭ ئىلكە كىرىمى 20287 يۈەنگە يىتىپ % 14 ئاشتى؛ دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 9088 يۈەنگە يىتىپ، %116.1 ئاشتى؛ سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشتە 36مىليارد 30 مىليون يۈەن مەبلەغ ئەمىلىيلىشىپ، % 32.4ئاشتى؛ مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى 12 مىليارد يۈەن ئۇرۇندۇلۇپ، %17.4 ئاشتى؛ئىجتىمائى ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئۇمۇمى سوممىسى1 مىليارد 502 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، %17 ئاشتى؛ ئىمپورت- ئېكىسپورت سودا ئۇمۇمى سوممىسى 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئورۇندىلىپ، ساياھەتچىلىك كىرىمى 895 مىليون يۈەن ئورۇندالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر