خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا خەۋىرى، فوتوسى) شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان «شىنجاڭ ھازىرقى زامان بالىلار رومان ئىجادىيتى مۇھاكىمە كۇرسى» 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت مەركىزىدە ئېچىلدى.
بۇ قېتىمقى كۇرىسقا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 16 نەپەر بالىلار ئەدەبىياتى رومان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى قاتناشتى.كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت – ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەيبۇ ياقۇپ، شىنجاڭ ياشلار –ئۆسمۈرلەر نەشرياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئابلىكىم ھەسەن، قەشقەر ئۇنۋېرسىتىتى بالىلار ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى بۇلبۇل ئەكرەم قاتارلىقلار قاتناشتى. بىر ھەپتە جەريانىدا كۇرسانىتلار ھازىرقى زامان بالىلار رومان ئىجادىيىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، جۇڭگو ۋە چەتئەل بالىلار رومان ئىجادىيىتىدىكى يارقىن نۇقتىلار، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان بالىلار رومان ئىجادىيىتىدە ساقلىنۋاتقان مەسىللەر، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان بالىلار رومان ئىجادىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ھەققىدە لىكسىيەلەر سۆزلەندى ۋە قىممەتلىك پىكىرلەر ئوتتۇرغا قويۇلدى. تەڭرىتاغ ژورنىلى، شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى، تارىم غۇنچىلىرى ژورنىلى، شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى تەھرىرلەر كىلىپ يازغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى. ھەمدە ئۇلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى سەككىز نەپەر ئاپتۇر بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلار رومانلىرىنى نەشىر قىلىش توغرىسىدا توختام ئىمزالىدى. كۇرس ئاخىردا شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى مەدەنىيەت بوستانى پىروگىراممىسى « بالىلار رومان ئىجادىيىتىدىكى يارقىن نۇقتىلار» دېگەن تىمىدا مەخسۇس پىروگىرامما ئىشلىدى.مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بارلىق كۇرسانتلاردىن پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇيغۇر بالىلار رومان ئىجادىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش تۆھپە قوشۇشنى ئۈمۈد قىلدى.
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى