مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قورساقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئورنى ئاغرىشىنىڭ سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ

2022.10.11 13:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىچۈەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى چېن فېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قورساق قىسمىنى تەخمىنەن تۆۋەندىكى توققۇز رايونغا بۆلۈشكە بولىدۇ، ئوخشاش بولمىغان رايوندىكى ئەزالار ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا ماس كېلىدۇ.

  بىرىنچى رەت: قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمى ئاغرىش

  1-نومۇرلۇق رايون: ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق

  ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىش ئاساسلىقى ئۆت خالتىسى، ئۆت نەيچىسى، جىگەردىكى مەسىلىلەر بولۇپ، مەسىلەن، ئۆت نەيچىسىگە تاش چۈشۈش، ئۆت خالتىسىغا تاش چۈشۈش، جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى قاتارلىقلار.

  2-نومۇرلۇق رايون: ئوتتۇرا ئۈستۈنكى قورساق

  ئوتتۇرا ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاشقازان بولۇپ، مەسىلەن، ئاشقازان يارىسى، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ياكى ئاشقازان تېشىلىش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆت ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەردىمۇ قورساقنىڭ ئوتتۇرا ئۈستۈنكى قىسمى ئاغرىيدۇ.

  3-نومۇرلۇق رايون: سول تەرەپ ئۈستۈنكى قورساق

  قورساقنىڭ سول تەرەپ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ ئاغرىشى ئاساسلىقى ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن بولىدۇ. مەسىلەن، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ياكى تال مەسىلىسى بولۇپ، مەسىلەن، تال يېرىلىش قاتارلىقلار.

  ئىككىنچى رەت: ئوتتۇرا قورساق ئاغرىش

  4-، 6-نومۇرلۇق رايون: ئوڭ ئوتتۇرا قورساق، سول ئوتتۇرا قورساق

  بۇ ئىككى جاي ئاساسلىقى بوغماق ئۈچەي، تال مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىقتىن ئىبارەت.

  5-نومۇرلۇق رايون: ئوتتۇرا قورساق،

  يەنى كىندىك ئەتراپى، قورساقنىڭ مەركىزىي قىسمى بولۇپ، ئادەتتە كىچىك ئۈچەي مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاغرىقتىن ئىبارەت.

  ئۈچىنچى رەت: تۆۋەنكى قورساق ئاغرىش

  7-نومۇرلۇق رايون: ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قورساق

  ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قورساق ئاغرىقىنى ئاساسلىقى سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، سۈيدۈك نەيچىسىگە تاش چۈشۈش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش قاتارلىقلارمۇ قورساقنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قىسمىنى ئاغرىتىدۇ.

  8-نومۇرلۇق رايون: ئوتتۇرا تۆۋەنكى قورساق

  ئوتتۇرا تۆۋەنكى قورساق ئاغرىقىنى ئاساسلىقى داس بوشلۇقى، بالىياتقۇ كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، داس بوشلۇقى ياللۇغى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىقلار.

  9-نومۇرلۇق رايون: سول تەرەپ ئاستىنقى قورساق

  قورساقنىڭ سول تەرەپ ئاستىنقى قىسمى ئاساسلىقى سۈيدۈك نەيچىسىگە تاش چۈشۈش، تۇخۇم توشۇش نەيچىسىدىكى مەسىلە ياكى سېرىق تەنچە يېرىلىش قاتارلىق بالىياتقۇ قوشۇمچە ئەزالىرى ئىچىدە پەيدا بولغان ئاغرىشتىن ئىبارەت.

  ئەلۋەتتە، قورساقنىڭ سول ئاستى ۋە ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى قىسمىنىڭ ئاغرىشىنى يەنە بوغماق ئۈچەي ئۆسمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  بىپەرۋالىق قىلماڭ، بۇ كېسەللىكلەرمۇ قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  چېن فېڭ دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، تۆۋەندىكى بەزى كېسەللىكلەرمۇ قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  1. قان تومۇر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قورساق ئاغرىش

  قورساق ئىچىدىكى ئەزالارنىڭ ئاغرىقى بەلكىم قان تومۇرنىڭ سەۋەبى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەسىلەن، ئائورتا قىستۇرما قەۋىتى دۈمبە قىسمى ئاغرىش ۋە قورساق قىسمىنىڭ ھەر قانداق ئورنىدا قاتتىق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  2. توسۇلۇش، كەپلىشىپ قېلىشتىن كېلىپ چىققان قورساق ئاغرىش

  ئۈچەي توسۇلۇش، ئۈچەي بېغىشى ئارتېرىيە كەپلەشمىسى قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  3. يۈرەك تىقىلمىسى، كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىشتىن كېلىپ چىققان قورساق ئاغرىش

  يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئۈستۈنكى ۋە ئوتتۇرا قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ كۆكرەك بوشلۇقىغا سۇ يىغىلىپ قېلىش سول تەرەپ ياكى ئوڭ تەرەپتىكى ئۈستۈنكى قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  4. پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېلىپ چىققان قورساق ئاغرىش

  يەنە بىر قىسىم پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر، مەسىلەن، قان پىلاستىنكىلىرى ئازىيىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغمۇ قورساق ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە يىرىڭ ئارىلاش قانلىق تەرەت كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ