مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قانداق قىلغاندا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

2022.05.24 21:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خاربىن شەھەرلىك 1-مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى پىسخىكا سەھىيە مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ئۇيقۇ مېدىتسىناسى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شۈ جيا ئۇيقۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەدبىر كۆرسەتتى.

  قانداق قىلغاندا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟

  شۈ جيا ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە يەتتە سائەت سۈپەتلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويدى:

  1. بالىنى ھەر كۈنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئۇخلىتىش، ئەڭ ياخشىسى سائەت 21 دىن 23 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇخلىتىش، ئەتىگەن سائەت 7 دىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرغۇزۇش كېرەك.

  2. ئەگەر شارائىت يار بەرسە 30 مىنۇت ئەتراپىدا چۈشلۈك ئۇيقۇ ۋاقتى بولۇشى كېرەك.

  3. ئەڭ ياخشىسى بىر ئېغىز ئايرىم ياتاق ئۆيى بولۇش لازىم، ئۆگىنىش قىلىدىغان ئۆي بىلەن ياتاقنى ئورتاق ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ياتاق ئۆينىڭ مۇھىتى بىخەتەر، ئازادە، قاراڭغۇ بولۇشى، زىيادە مۇرەككەپ بېزەكلەردىن ساقلىنىشى كېرەك.

  4. ياتاق ئۆيدە بىر قېلىن دېرىزە پەردىسى بولۇشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ۋە كېچىدە كۈچلۈك كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  5. بالىلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن ياخشى كەيپىياتنى ساقلىشى، زىيادە ھاياجانلىنىش، زىيادە كۆپ تاماق يېيىش ياكى قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  6. بارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى بالىلارنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ سىرتىغا قويۇش ھەمدە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشىگە چەك قويۇش، ئۇخلاش بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقماسلىق كېرەك.

  7. قۇرامىغا يەتمىگەنلەر تەركىبىدە قەھۋە ياكى ئىسپىرت بار ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر تېز ئۇخلاشقا ئەپچىل چارە كۆرسەتتى

  شۈ جيا مۇنداق دېدى: دەرستىن چۈشكەندە دائىم ھەرىكەت قىلىش، دەرس ۋاقتىدا مۈگدەپ قالماسلىق كېرەك. ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتنى ئىسسىق سۇغا چىلاش ياكى ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدىغان مۇزىكا ئاڭلاشقا بولىدۇ، نەپەسنى بوشاشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭمۇ پايدىسى بار. ئەگەر روھىي بېسىم بولسا، چوقۇم دەرد تۆكۈشنى ئۆگىنىۋېلىشى، باش قېتىنچىلىقىنى كارىۋاتقا ئېلىپ چىقماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ