مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالدۇرراق تەكشۈرتسىڭىز، بۇ راك كېسەللىكى قورقۇنچلۇق ئەمەس

2022.05.24 21:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  1. ئۆپكە راكى

  تيەنجىن شەھەرلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى ئۆپكە ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروفېسسور ۋاڭ چاڭلى 2018-يىلى ساغلاملىق گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر بالدۇر بايقالسا، قېلىپلاشقان تاشقى كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئارقىلىق، بىر سانتىمېتىردىن تۆۋەن ئۆپكە راكىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى %90 كە يېتىدۇ، 2-3 سانتىمېتىرغىچە بولغانلىرىنىڭ ساقىيىش نىسبىتى %85 ئەتراپىدا بولىدۇ.

  تاسقاپ تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى: تۆۋەن مىقدارلىق بۇرمىسىمان CT

  پىروفېسسور ۋاڭ چاڭلى تۆۋەن مىقداردىكى بۇرمىسىمان CT دا تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۆپكە راكىنى بايقاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىردىن كىچىك بولغان كىچىك ئۆپكە راكىنى بۇ خىل تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتى %80 تىن ئاشىدۇ.

  يېشى 40 تىن يۇقىرى، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چەككەن، ئېرسىيەتلىك ئۆسمە تارىخى، كەسپىي ئاشكارىلىنىش تارىخى بار قاتارلىق خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا قارىتا ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆپكە راكىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈتۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

  ساغلام كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن تاماكىنى بالدۇرراق تاشلاپ، تاماكىنى كونترول قىلىش، پاسسىپ تاماكا چېكىشنى رەت قىلىش، ئۆپكە قىسمىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ئۇنى پائال داۋالىتىش، كېسەللىك سەۋەبى جەھەتتىن ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  2. سۈت بېزى راكى

  يۈننەن ئۆلكىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سەي جېڭ 2017-يىلى ساغلاملىق گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: دەسلەپكى مەزگىلدىكى سۈت بېزى راكى بىمارلىرى داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلاشسا، ئادەتتە ساقىيىش نىسبىتى %90 تىن ئاشىدۇ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ سۈت بېزى راكىغا بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ سۈت بېزى راكى دەسلەپكى مەزگىلدە بايقىلىدۇ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ساقىيىش نىسبىتى %70تىن %80 كە يېتىدۇ.

  ئىلغاپ تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى: سۈت بېزى رېنتىگېن

  ئادەتتە ئاياللار 40 ياشتىن باشلاپ تاللاپ تەكشۈرۈلىدۇ، ھەر بىر-ئىككى يىلدا بىر قېتىم سۈت بېزىنى رېنتىگېندە تەكشۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ زىچ تىپلىق سۈت بېزىگە قارىتا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  3. بالىياتقۇ بوينى راكى

  يۈننەن ئۆلكىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سەي جېڭ 2017-يىلى ساغلاملىق گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بالدۇر بايقالغان بالىياتقۇ بوينى راكىنى ئاساسىي جەھەتتىن %100 ساقايتقىلى بولىدۇ.

  ئىلغاپ تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى: HPV بالىياتقۇ بوينى سۇۋالمىسى

  بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش لازىم، بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسىنىسى ئىنسانلار تۇنجى بولۇپ تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان راك كېسەللىكى ۋاكسىنىسى. جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان ئاياللار ھەر يىلى بىر قېتىم HPV بالىياتقۇ بوينى سۇۋالمىسىنى تەكشۈرۈتۈشى كېرەك.

  4. چوڭ ئۈچەي راكى

  يۈننەن ئۆلكىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى سەي جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ پەنلىك ئۇنىۋېرسال داۋالاش لايىھەسى قوللىنىلغاندىن كېيىن، تۈز ئۈچەي راكىنىڭ قايتا قوزغىلىش نىسبىتى %10 تىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلدى. چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى ساقىيىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80 تىن يۇقىرى ۋە %60-%70 كىچە بولىدۇ.

  ئىلغاپ تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى: ئۈچەي ئەينىكى

  ئادەتتىكى كىشىلەر توپى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، چوڭ ئۈچەي راكىنى تاللاپ تەكشۈرۈش 45 ياشتىن باشلىنىدۇ، ھەر يىلى بىر قېتىم چوڭ تەرەتتىكى يوشۇرۇن قاننى تەكشۈرۈتۈش، ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ئۈچەي ئەينىكىدە تەكشۈرۈتۈش كېرەك.

  5. قالقانسىمان بەز راكى

  كۆپ ساندىكى يامان سۈپەتلىك راكلار ئىچىدە، قالقانسىمان بەز راكى نىسبەتەن «مۆتىدىل» بولىدۇ، ئۇ ئادەتتە باشقا ئەزالارغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ، پەقەت ئۆلچەملىك داۋالىسىلا، نۇرغۇن بىمارلار ئۇزۇن مۇددەت ياشىيالايدۇ.

  %90 تىن ئارتۇق قالقانسىمان بەز راكى بۆلۈنۈش تىپىدىكى قالقانسىمان بەز راكى بولۇپ، كۆپ قىسىم بۆلۈنۈش تىپىدىكى قالقانسىمان بەز راكىنىڭ تەرەققىياتى ئاستا، ياخشى سۈپەتلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، 10 يىل ياشاش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى. دەسلەپكى بۆلۈنۈش تىپىدىكى قالقانسىمان بەز راكىنىڭ 20 يىل ياشاش نىسبىتى %90 تىن ئاشىدۇ.

  ئىلغاپ تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى: ئۇلترا ئاۋاز ئاپپاراتىدا بويۇن قىسمىنى تەكشۈرۈتىش.

  ئادەتتە كىشىلەر توپى 20-29 ياشقىچە بولغاندا، ھەر 2-3 يىلدا بىر قېتىم بويۇن قىسمىنى كىلىنىكىلىق تەكشۈرۈتىشى، 30 ياشتىن كېيىن يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈتىشى، 30 ياشتىن كېيىن ھەر يىلى بىر قېتىم بويۇننى ئۇلترا ئاۋازلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈتىشى لازىم (قالقانسىمان بەز، بويۇن، ئوقۇرەك سۆڭىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

  ئاياللار ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر قېتىم بويۇن قىسمىنى ئۇلترا ئاۋازلىق ئاپپاراتتا تەكشۈرۈتىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

  6. بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكى

  فۇجيەن ئۆلكىلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى باش-بويۇن ئۆسمىسىنى رادىيوئاكتىپلىق داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى لىن شاۋجۈن 2019-يىلى ساغلاملىق گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىنىڭ كىلىنىكىدا ساقىيىش نىسبىتى %90كە يېتىدۇ. قىسمەن ئاخىرقى باسقۇچتىكى بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىنى رادىيوئاكتىپ-خىمىيەلىك داۋالاشنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئارقىلىقمۇ ناھايىتى ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، يۆتكىلىشچان بولمىغان بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىنىڭ بەش يىل ياشاش نىسبىتى %80 تىن يۇقىرى، 10 يىل ياشاش نىسبىتى %75 كە يېتىدۇ.

  ئىلغاپ تەكشۈرۈش ۋاسىتىسى: بۇرۇن-يۇتقۇنچاق ئەينىكى قاتارلىقلار

  فۇدەن داشۆسى قارىمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى رادىيوئاكتىپلىق داۋالاش مەركىزىنىڭ ۋىراچى چۈ شياۋمىن 2016-يىلى ساغلاملىق گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەگەر قايتا-قايتا بۇرۇن قانىغان، بولۇپمۇ 40 ياشتىن ئاشقان، ئۇزاق مۇددەت تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچكەنلەردە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرۇن پۈتۈپ قېلىش، قۇلاق غوڭۇلداش، باش ئاغرىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ چاغدا ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ، بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن.

  يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈش لازىم. ئاساسلىق تەكشۈرۈش تۈرلىرى: ۋاسىتىلىك بۇرۇن-يۇتقۇنچاق ئەينىكىدە تەكشۈرۈتىش، قاندىكى EB ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈتىش، بۇرۇن-يۇتقۇنچاق قىسمىنى يادرو ماگنىتلىق رېزونانستا تەكشۈرۈتىش، تالالىق بۇرۇن-يۇتقۇنچاق ئەينىكىدە تەكشۈرۈتىش ۋە ھىستولوگىيەلىك تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرۈتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ