مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قىزىۋاتقان ياكى يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملانغۇچىلار ساقىيىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ

2021.12.10 10:23 مەنبە: تىيانشان تورى

 دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئېلان قىلغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەش تېخنىكا قوللانمىسى (1-نەشرى)»دا، قىزىۋاتقانلار، جىددىي خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ جىددىي قوزغىلىش مەزگىلىدىكىلەر، كونترول قىلىنمىغان ئېغىر سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ۋاقتىنچە ۋاكسىنا ئەملىتىشكە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. قىزىۋاتقانلار ياكى يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملانغان ئاغرىقلارغا قانداق ۋاقىتتا ۋاكسىنا ئەملەشكە بولىدۇ؟ ۋاقتىنچە ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدىغان كىشىلەر توپى قانداق قىلغاندا ئۆزىنى ياخشى قوغدىيالايدۇ؟ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى نەپەس يولى ۋە خەتەرلىك ئېغىر كېسەللىكلەر تېببىي مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ شياۋخۇڭنى زىيارەت قىلدى.

  «قىزىۋاتقان ياكى يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملانغان ئاغرىقلارغا ۋاكسىنا ئەملەشتە ئەھۋالغا قاراپ پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك.» ياڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: ئەگەر يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملانغان ياكى قىزىۋاتقان ئاغرىقلار بولسا، يۇقىرىقى نەپەس يولى يۇقۇملىنىپ ساقىيىپ ياكى قىزىتمىسى يېنىپ، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ؛ ئەگەر سوزۇلما خاراكتېرلىك نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار، مەسىلەن، دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما خاراكتېرلىك، توسۇلۇپ قېلىش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى قاتارلىقلار بولسا، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىش ياكى قايتا يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ساقايغاندىن كېيىن، ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ ۋاكسىنا ئەملىتىشكە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ.

  «ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدە قوغداش خاراكتېرلىك ئانتىتېلا پەيدا بولىدۇ، بەزى ۋاكسىنىلار يەنە ئادەم بەدىنىدە ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتى پەيدا قىلىپ، مۇناسىپ ئىممۇنىتېت خاتىرىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئادەم بەدىنى كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىممۇنىتېت كۈچىگە ئىگە بولىدۇ.» ياڭ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ئادەم بەدىنىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھامان، ۋاكسىنا پەيدا قىلغان ئانتىتېلا، ھۈجەيرە ئىممۇنىتېتى قويۇپ بەرگەن ھۈجەيرە فاكتورى ۋىرۇسنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، نېيتراللاشتۇرالايدۇ ياكى ئۆلتۈرەلەيدۇ، يوقىتالايدۇ، ئىممۇنىتېت خاتىرىسىمۇ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ناھايىتى تېزلا قوزغىتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەدەندە ۋىرۇس داۋاملىق كۆپىيەلمەيدۇ، بۇ ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. ئالدىنقى باسقۇچتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىسىنى كىلىنىكىدا سىناق قىلىش تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 2-قېتىملىق ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنىنى ئەملەپ تەخمىنەن ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ئەملەنگۈچىلەر توپى بىرقەدەر ياخشى بولغان ئىممۇنىتېت ئۈنۈمى ھاسىل قىلالايدىكەن.

  نۆۋەتتە، ۋاكسىنا ئەملەش ياش چەكلىمىسى 18 ياشتىن يۇقىرى بولۇپ، ۋاقتىنچە ۋاكسىنا ئەملەشكە بولمايدىغان كىشىلەر توپى چوقۇم ئۆزىنى ياخشى قوغدىشى، سىرتقا چىققاندا ماسكا تاقىشى، شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىشى، كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايغا بارماسلىقى ۋە خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايونلارغا كىرىپ چىقىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە باشقا كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، مەسىلەن، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىقلار.

  ياڭ شياۋخۇڭ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئاساسىي خاراكتېرلىك كېسەللەرگە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەشكە بولمايدۇ، ئەمما ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەر توپى ئۆزىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىشى، مەسىلەن، ئاساسىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا پائال ماسلىشىپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بېرىپ، كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ياكى قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ