مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يازدا ئاپتوموبىللارنى ئىشلىتىشتە بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

2021.09.30 22:31 مەنبە: تىيانشان تورى

1. موتور تېمپېراتۇرىسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يازدا ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا موتورنىڭ ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ. موتور ئىشلەش جەريانىدا، قىزىپ كەتسە، بۇ رادىياتوردا سۇنىڭ كەمچىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن بۇ چاغدا ئالدىراپ سۇ تولۇقلىماسلىق كېرەك. بولمىسا رادىياتور پارتلاپ كېتىدۇ.

2. ماي يوللىرىنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن ساقلىنىش كېرەك. سىلىقلاشتۇرغۇچى ماينىڭ يېپىشقاقلىقى تېمپېراتۇرىنىڭ يۇقىرى، تۆۋەن بولۇشىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا ئۇنىڭ يېپىشقاقلىقى تۆۋەن بولىدۇ.

3. چاقنىڭ يەل بېسىمى يۇقىرى بولۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەزگىلدە، كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ پەرقى چوڭ بولىدۇ، تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاندا يەل ھەجىمى ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، چاقنىڭ بېسىمى ئېشىپ، ئاسان ئېتىلىپ كېتىپ، قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. موتوردا سۇ دۇغىنىڭ قېلىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. موتورنىڭ سۇ قېپى(يوللىرى)دا سۇ دۇغى قېلىنلاپ كەتسە، ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمى %30 ~ %40تۆۋەنلەپ كېتىپ، ماتور ئاسان قىزىپ، موتورنىڭ خىزمىتىنى ناچارلاشتۇرۇپ، ئىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ ۋە ماي پۈركەش ئېغىزى قىسىلىپ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. شامالدۇرغۇچ تاسمىسىنى بوش تەڭشەشتىن ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا مەشغۇلات قىلغاندا، رېزىنكە تاسمىنىڭ سىيرىلىپ كېتىشى بىلەن ئايلىنىش ئىسراپ بولىدۇ. تاسمىمۇ ئاسان ئۇپرايدۇ. شۇڭا، يازدا موتور تاسمىسىنىڭ چىڭلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تەڭشەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ