مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىز ئىچكەن «مېۋە سۈيى» ساپمۇ؟

2021.09.30 22:31 مەنبە: تىيانشان تورى

ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ مېۋە سۈيى ئىچىملىكلىرى سودىسى جانلىنىشقا باشلىدى. رېستورانلاردا بولسۇن ياكى يول بويىدىكى ئىچىملىك سېتىش ئورۇنلىرىدا بولسۇن مېۋە سۈيىنى ھۇزۇرلىنىپ ئىچىۋاتقان كىشىلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ‹‹مېۋە سۈيى›› لىرى ساپمۇ؟

يېقىندا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئىچىملىك دۇكانلىرى، تېز تاماقخانا ۋە تاللا بازارلىرىدىن بوتۇلكا سىرتىغا ‹‹%100مېۋە سۈيى›› دېگەن خەت چاپلانغان بەش خىل مېۋە سۈيىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزىدە تەكشۈرتتى. نەتىجىدە، بەش خىل مېۋە سۈيى ئىچىملىكى ئىچىدە ئۈچ خىلىدا مېۋە سۈيى تەركىبى بارلىقى، ئىككىسىدە مېۋە سۈيى تەركىبى يوقلۇقى ئېنىقلاندى.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئاتىلىۋاتقان ساپ مېۋە سۈيى قويۇلدۇرۇلغان مېۋە سۈيى، مېۋە قىيامى، مېۋە تالقىنىغا خۇرۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەييارلانغان بولۇپ، ساپ مېۋە شەربىتى ناھايىتى ئاز مىقدارنى ئىگىلەيدۇ، كۆپ قىسمى شېكەر، مۇئەتتەر، بوياق قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ.

يېمەكلىك مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق قارايدۇ: ئەمەلىيەتتە رېستوران ۋە دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تەڭشەلگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىچىملىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارى ئاز، شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، كۆپ ئىچكەندە سېمىزلىك، قەنت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

بۇ بەش خىل مېۋە شەربىتىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈلگەندە، ئەۋرىشكىدىكى شەربەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ رەڭگى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزگەرگەن. تېخنىكلارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، مېۋە سۈيىگە ساختىلىقىنى ئايرىش سۇيۇقلۇقى ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىچىملىكنىڭ رەڭگى قوڭۇر قىزىل رەڭگە ئۆزگەرسە ئۇنىڭ تەركىبىدە مېۋە سۈيى بارلىقىنى؛ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىسا ياكى ئاز مىقداردا ئۆزگىرىش بولسا مېۋە تەركىبىنىڭ يوقلۇقىنى ياكى ناھايىتى ئازلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

مېۋە ئىچىملىكى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بىرەيلەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ساپ مېۋە شەربىتى دەپ بازارغا سېلىنغان ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپى قويۇلدۇرۇلغان مېۋە شەربىتى، مېۋە قىيامى ۋە مۇئەتتەر قاتارلىق قوشۇلمىلارنى ئارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەنگەن بولۇپ، مېۋە تەركىبى ناھايىتى ئاز ئىكەن. مېھمانخانا، قەھۋەخانىلاردا ساپ مېۋە سۈيى دەپ سېتىۋاتقان ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈرلۈك ئارىلاشتۇرۇلمىلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلگەن ئىچىملىكلەر ئىكەن. بازارلاردا سېتىلىۋاتقان بىر كىلوگىراملىق ساپ، يېڭى مېۋە سۈيىنىڭ ئەڭ ئەرزانلىرىمۇ 30 يۈەنگە سېتىلىدىغان بولۇپ، مېۋە قويۇلدۇرمىسى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر بوتۇلكا ئاپېلسىن ئىچىملىكىنىڭ تەننەرخى ئىككى يۈەنگىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇلارنى قانداقمۇ ساپ دېگىلى بولسۇن؟ ئەمەلىيەتتە ساپ مېۋە سۈيى چىقىرىش تېخنىكا تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، تەننەرخى يۇقىرى بولىدۇ. ساپ مېۋە سۈيىنىڭ سۈپىتى ئاسان ئۆزگىرىدۇ، بىرنەچچە مىنۇتتىلا تىنىپ قالىدۇ ياكى رەڭگى ئۆزگىرىدۇ. ھاۋا ئىسسىق كۈنلەردە ساقلاش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېمەكلىك ئىنستىتۇتى ئوزۇقلۇق ۋە بىخەتەرلىك فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى فەن جىخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەمەلىيەتتە تەڭشەلگەن مېۋە ئىچىملىكى تەركىبىدىكى مېۋە تەركىبى ئۇنچە كۆپ بولمايدۇ، تەمى كۈچلۈك بولمىغاچقا شېكەر، مېۋە قىيامى، مۇئەتتەر قوشۇپ تەڭشىلىدۇ. بەزى تىجارەتچىلەر مېۋە ئىچىملىكى سودىسىنىڭ ياخشى بولۇشىنىلا ئويلاپ، ئىچىملىككە يەنە بەلگىلىك مىقداردا بوياق قوشىدۇ، ئەگەر بوياق مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە سالامەتلىككە زىيانلىق. قويۇلدۇرۇلغان مېۋە قىيامى، مۇئەتتەر قوشۇلغان مېۋە ئىچىملىكى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C، كالىي قاتارلىق تەركىبلىرى ساپ مېۋە سۈيىدىكىدىن تۆۋەن بولۇپ، بەدەن ئېھتىياجلىق ماددىلار ناھايىتى ئاز. ئۇنىڭ ئۈستىگە يول بويىدىكى دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان مېۋە سۈيى ياكى ئىچىملىكلەر قاچىلانغان بوتۇلكىلارنىڭ دېزىنفېكسىيەلەش شەرتلىرىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ