مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈز چەملىك ئاياغ كىيىش سالامەتلىككە زىيانلىق

2021.09.30 22:30 مەنبە: تىيانشان تورى

ساپما كەش، لاتا خەي قاتارلىق بىر قىسىم پاشنىسىز، چەمى تۈز ئاياغلار يۇمشاق، يەڭگىل ھەم ئەپلىك بولغاچقا، كىشلەر بۇ خىل ئاياغلارنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن بۇ خىل ئاياغنى ئۇزاق ۋاقىت كىيىپ ئادەتلىنىپ قالسا، سالامەتلىككە زىيانلىق.

ئارا پەشنىلىق ئاياغ ئادەم بەدىنىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئەڭ ياخشى سەۋىيىدە ساقلاپ، ئېغىرلىقنى ئىلمىي ئۇسۇلدا پۇت بارماقلىرىغا تەكشى تەقسىملەپ، سۆڭەك، تارىمۇش ۋە ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ شەكلىنى نورمال ساقلايدۇ، پاشنىسى يوق، تىگى تۈز ئاياغلارنى كىيگەندە بولسا، ئېغىرلىقنىڭ تارقىلىشى تەكشى بولمايدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ نورمال بەدەن ھالىتى ئېغىرلىق مەركىزى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئاياغنى كىيگەندە ئادەم ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى پۇت ئىگىلىپ، ئومۇرتقىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا تارقالغان ئېغىرلىق تەكشى بولماسلىق تۈپەيلىدىن نورمال بەدەن ھالىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئاياغنىڭ پاشنىسى قانچە ئېگىز بولسا ، شۇنچە ياخشى دېگەنلىك ئەمەس، بەك ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنىڭمۇ بەدەنگە زىيىنى بار. شۇڭا نورمال ئېگىزلىكتىكى ئاياغنى تاللاش ئەڭ ئاقىلانىلىك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ