مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ناشتىدا چوقۇم تۆت تۈرلۈك يېمەكلىكنى تولۇق يېيىش كېرەك

2021.09.30 22:29 مەنبە: تىيانشان تورى

ھازىر نۇرغۇن كىشى ناشتىنى ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشى ناشتىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ يېيەلمەيدۇ.

يېقىندا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر %90تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ناشتا قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇزۇقلىنىش ئۆلچىمى %50كىمۇ يەتمەيدىكەن. بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇلارنىڭ ناشتىلىقىدا يېمەكلىك تۈرى بەك ئاز ئىكەن. سالامەتلىككە پايدىلىق ناشتىلىق يېمەكلىكلەر دانلىق زىرائەتتە ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، سۈت مەھسۇلاتلىرى ۋە كۆكتات، مېۋە – چېۋە قاتارلىق تۆت تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە دانلىق زىرائەتتە ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ئاساسلىق ئورۇندا بولۇپ، ئۇ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ؛ گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل بولۇپ ، ئۇ بالىلارغا ھەرىكەت قىلىشقا كېرەكلىك ئېنېرگىيىنى تەمىنلەپ بېرىدۇ؛ سۈت مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە كالتىسىي بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسىشىگە پايدىلىق؛ كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ھەرخىل يېمەكلىكنى ئاز– كۆپ يېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، مۇھىمى يېگەن يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى تولۇق بولۇش كېرەك. مەسىلەن: ئەتتىگەندە بىر موما، بىر تۇخۇم، بىر ئىستاكان سۈت ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆكتات، مېۋە– چېۋىلەرنى تەييارلاش ئاۋارىچىلىكىدىن قاچسا ياكى تەييارلىق قىلىشقا ئىمكانىيەت بولمىسا، ئىككى تىلىم ئالما ياكى بانان ھەتتا بىر نەچچە تال ئۈزۈم يېسىمۇ بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ