مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كومپىيۇتېر بىلەن يان تېلېفوننى بىللە ئوينىغانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرايدۇ

2021.09.01 00:02 مەنبە: تىيانشان تورى

ئەگەر دائىم بىر تەرەپتىن كومپيۇتېر ئويناپ، بىر تەرەپتىن يان تېلېفون ئىشلەتسىڭىز ئېھتىيات قىلىڭ، يېقىنقى تەتقىقاتتا بۇنداق ئەھۋالدا چوڭ مېڭىدە كەيپىياتنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولغان رايوننىڭ قىسقىراش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقى بايقالغان.

ئەنگلىيە سېسكىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 75 ساغلام ئەر – ئايالنى ئوبيېكت قىلىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئاۋۋال ئۇلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون ئىشلىتىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ دائىم بىرلا ۋاقىتتا مۇزىكا ئاڭلايدىغانلىقى، پوچتا يوللانمىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى، يوللايدىغانلىقى، يان تېلېفوندا قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلىدىغانلىقى ۋە تېلېۋىزور كۆرىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن مېڭە قىسمىنى تەكشۈرگەندە پىدائىيلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئالدى تەرەپ تېرە قاتلىمىدىكى يۇلۇن سۇر ماددىسى ئازايغانلىقى مەلۇم بولغان.

ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات ئۆمىكى 18 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى تەكشۈرۈپ، %20 ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدا مەسىلە بارلىقىنى بايقىغان. بۇ بىزگە پەن – تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا دىققەت قىلىش ۋاقتىنىڭ قىسقىرايدىغانلىقى، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈشتە ياشلارنىڭ بۇنداق تەسىرگە ئۇچرىشىنىڭ تېخىمۇ زور بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ