شاكىلات يېگۈڭىز كەلسە، ۋېتامىن B تۈرىدىكىلەرنىڭ كەملىكىنى، بولۇپمۇ ۋېتامىن B6 بىلەن B12 نىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېگۈڭىز كەلسە، بەك چارچاپ كەتكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى، تۇزنى زىيادە ئىستېمال قىلغاندا بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ جىددىيلىكىنى تىزگىنلەيدىغان ۋە پەسەيتىدىغان بىر خىل ماددىنى ئاجرىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
نەرسە يېگەندە قانچە ئاچچىق بولسا، شۇنچە پۇخادىن چىققاندەك ھېس قىلسىڭىز، بۇ تىلىڭىزنىڭ تەم سەزگۈسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئاچچىق يېمەكلىك يېگەنلىكىنىڭ تەسىرىدە سەزگۈسىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
گۆش يىگۈڭىز كەلسە، بۇ بەدىنىڭىزدە ئامىنو كىسلاتاسى بىلەن تۆمۈر قاتارلىق مېنرال ماددىلارنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ.
قېتىق ئوزۇقلۇق مىقدارى مول ئىچىملىك بولۇپ، ئادەتتە كۈندە مەلۈم مىقداردا قېتىق ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا قېتىقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەۋسىيىمىز قېتىققا ئازراق كۈنجۈت قوشىۋېتىڭ. قېتىققا ئازراق كۈنجۈت ئارىلاشتۇرىۋەتسىڭىز،تېرىنى يۇمرانلاشتۇرۇش، قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. قارا كۈنجۈتنىڭ تەركىبىدە ۋېتامىن E ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئاكتىپچانلىقنى ئاشۇرىدۇ. شۇنداقلا تېرىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرۈش، تېرىنى يۇمرانلاشتۇرىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ