ساغلام ئورۇقلاشتىكى يېڭى مەخپىيەتلىك
2021.08.31 23:57
گېرمانىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلادا نورمال تۇرمۇش ئادىتى بويىچە بىر ھەپتە ياشىغاندا بەدەن ئېغىرلىقىدا روشەن تۆۋەنلەش بولىدىكەن.
گېرمانىيە مىيۇنخېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملار سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 20 نەپەر ئايالنىڭ ئېگىزلىك رايونىدا بىر ھەپتە ياشىغاندىكى بەدن ئېغىرلىقىنى تەتقىق قىلغان. يېمەكلىك ۋە يېتىپ قوپۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى ۋە يۈرەك قان-تومۇرىنىڭ كېڭىيىشىدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش بولغان. كىينكى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، بۇ خىل تۆۋەنلەش ئۈنۈمى تۆت ھەپتىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ئېگىزلىك رايونىدىكى ئوكسېگىن كەمچىل بولغان مۇھىت سىناققا قاتناشقۇچىلار ئاقسىلى (بىر خىل ئىشتىھانى كونتىرول قىلىدىغان ھورمۇن) نىڭ ئاجرىلىشىنى يۇقىرىلىتىدىكەن. بىراق بۇ خىل تېزلەتكۈچى مېخانىزىمنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ