كىرئالغۇنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن قاپقىقىنى دەرھال يېپىۋەتمەڭ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە كىرئالغۇنى ئىشلىتىپ بولۇپلا قاپقىقىنى يېپىۋەتكەندە، كىرئالغۇدىكى قالدۇق سۇ تامچىلىرىنىڭ پارغا ئايلىنىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىدىكەن.
كىرئالغۇدىكى يۇيۇش چېلىكىنىڭ سىرتىدا يەنە بىر قەۋەت بار بولۇپ، كىر سۈيى ئىككى قەۋەت ئارىسىدا ئاقما ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇ ئىككى قەۋەت ئارىلىقىنى تازىلاش قولايسىز بولغاچقا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ماددىلار تەركىبىدە ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باكتېرىيەلەر، زەمبۇرۇغلار بولۇپ، بۇلارنىڭ نەم شارائىتتا كۆپىيىشى تېخىمۇ تېز بولىدۇ. كىر يۇيغان ۋاقىتتا باكتېرىيە سىپورىسى سۇنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئاقما ھەرىكەت قىلىپ كىيىملەرگە چاپلىشىۋالىدۇ – دە، بۇ كىيىملەرنى كىيگەن ۋاقىتتا تېرە قىچىشىش، تېرە سەزگۈرلۈكى، تېرە قاپارتمىسى، ھەتتا تېرە ياللۇغى قاتارلىق بىر قىسىم تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ