مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تۆۋەن ياغلىق» ۋە «تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك» يېمەكلىكنىڭ قايسىسى بەدەن ئېغىرلىقىنى چۈشۈرۈشكە پايدىلىق

2021.04.30 11:21 مەنبە: تىيانشان تورى

  «تۆۋەن ياغلىق يېمەكلىك» ۋە «تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىك» دېگەن نېمە؟ قايسىسى ئېغىرلىقنى چۈشۈرۈشكە تېخىمۇ پايدىلىق؟

  ئامېرىكا دۆلەت دىيابىت كېسىلى، ھەزىم قىلىش ۋە بۆرەك كېسىلى تەتقىقات ئورنى (NIDDK) نىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېتەكچىلىك قىلغان بىر تۈرلۈك كىچىك تىپتىكى ئەمما يۈكسەك سېلىشتۇرمىلىققا ئىگە تەتقىقاتتا، ئىككى خىل يېمەكلىكنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، ھورمون سەۋىيەسى، بەدەن ئېغىرلىقى قاتارلىقلارغا بولغان تەسىرلىرىنى سېلىشتۇرغان.

  تۆۋەن ياغلىق يېمەكلىك دېگەن نېمە؟

  ياغ دېگىنىمىز ئىنسانلارنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىدا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى. ئۇزاق ۋاقىت قوبۇل قىلمىغاندا سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، ئىچكى ئاجراتما ۋە ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش، ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلار يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ.

  ھەقىقىي تۆۋەن ياغلىق يېمەكلىك دېگەن نېمە؟

  تۆۋەن ياغلىق يېمەكلىك دېگىنىمىز ئادەتتە ياغ تەركىبى يېمەكلىك ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %30تىدىن يۇقىرىراقىنى ئىگىلەيدىغان ياكى پۈتۈن كۈن قوبۇل قىلىنىدىغان ياغ مىقدارى 50 گىرامدىن تۆۋەن بولغان يېمەك-ئىچمەك شەكلىنى كۆرسىتىدۇ.

  تۆۋەن ياغلىق يېمەك -ئىچمەكلەر قانداق كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ؟

  1. ئاشقازان، ئۆت، ئاشقازان ئاستى بېزى، ئىنچىكە ئۈچەي فۇنكىسىيەسى بۇزۇلغان كىشىلەر توپى ئادەتتە، جىددىي قوزغىلىشچان خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىشى (20~0 گىرام)غا قاتتىق چەك قويۇشى كېرەك؛ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ كونترول قىلىنىش ۋە تۇراقلاشتۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى 50~40 گىرامغىچە ئاستا-ئاستا كۆپەيتسە بولىدۇ.

  2. قاندىكى ياغ كۆپىيىش كېسىلى ۋە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار قاندىكى ياغ كۆپىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ياغنىڭ ئومۇمىي قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى 50~40 گىرامغىچە كونترول قىلىش كېرەك. سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە ، ياغنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %30~%20 دائىرىسىدە كونترول قىلىشى كېرەك.

  تۆۋەن ياغلىق يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ پايدىسى

  ئامېرىكا «ئوزۇقشۇناسلىق ژۇرنىلى»غا بېسىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا، ئاياللارنىڭ تۆۋەن ياغلىق يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ساقلىشى ئۇلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك پايدىغا ئېرىشتۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

  تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەك-ئىچمەك دېگەن نېمە؟

  ئېنېرگىيە تەمىنلەشكە نىسبەتەن، كاربون سۇ بىرىكمىسى دېگىنىمىز ئىنسانلارنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ ئىقتىسادچان، ئەڭ ئاساسلىق مەنبەنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بىر كۈندە ئېرىشىدىغان ئېنېرگىيەسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى كاربون سۇ بىرىكمىسىدىن كېلىدۇ.

  تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك ئوزۇقلىنىش دېگەن نېمە؟

  تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك ئوزۇقلىنىش دېگىنىمىز ياغنىڭ ئاساسلىق، ئاقسىل (يۇقىرى ئاقسىل، ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ياغ) نىڭ مۇۋاپىق مىقداردا بولۇشىدەك تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەك-ئىچمەك شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 120 گىرام ئەتراپىدا ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن (كېتون ھاسىل قىلىدىغان يېمەكلىكلەر) بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. كېتون ھاسىل قىلىدىغان يېمەكلىكلەرمۇ كەڭ مەنىدە تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەرگە تەۋە بولىدۇ.

  تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەر قانداق كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ؟

  ئادەتتىكى ئورۇقلايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن، تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك ئوزۇقلىنىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى يوق. چۈنكى تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىلىك ئوزۇقلىنىشتىن كېيىن نورمال ئوزۇقلىنىشقا قايتقاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ئاسانلا ئېشىپ كېتىدۇ.

  تۆۋەن كاربون سۇ بىرىكمىسىنىڭ «ئەڭ ياخشى قوبۇل قىلىنىش مىقدارى»

  نورمال كىشىلەر «كاربون سۇ بىرىكمىسى %65~%50، ياغ %30~%20، ئاقسىل %15~%10» ئىلمىي ئوزۇقلىنىش شەكلى بويىچە قوللانسا بولىدۇ. ھەربىر ۋاق تاماقنىڭ ھەممىسى گۈرۈچ، ئاق ئۇن بولماسلىقى، قارا ئاشلىق ئاساسلىق يېمەكلىكنىڭ %30~%20تىنى ئىگىلىشى كېرەك. ياشانغانلارنىڭ كۈندىلىك كاربون سۇ بىرىكمىسى بىلەن ئېنېرگىيە تەمىنلىشىنىڭ %50تىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئاقسىل %20تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ياغ %30تىن ئېشىپ كەتمەسلىكنى ساقلىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ