مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بالىلارغا ئۇششاق يېمەكلىك تاللىغاندا ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىشنى ئۇنتۇماڭ

2021.04.30 11:14 مەنبە: تىيانشان تورى

  قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى، نۇرغۇن بالىلار ئۆيدە خالىغىنىچە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېيەلەيدىغان بولدى. لېكىن قانداق ئۇششاق يېمەكلىكلەر بالىلارنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ؟ بالىلارغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك تاللىغاندا قايسى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟

  ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىگە قاراش كېرەك. ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىدىكى رەت تەرتىپ ئىنتايىن مۇھىم، ئامال بار شېكەر ۋە ناترىي رەت تەرتىپنىڭ ئالدىغا تىزىلغان يېمەكلىكلەرنى تاللىماسلىق كېرەك. مەسىلەن، بالىلار دائىم ئىچىدىغان سۈتنى سېتىۋالغاندا، ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى «سۈت»بولسا، ئۇ ھەقىقىي سۈت بولىدۇ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى سۇ بولسا، ئۇ سۈتلۈك ئىچىملىك بولۇشى مۇمكىن.

  ئۇنىڭدىن قالسا، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىگە قاراش كېرەك. ياغدا پىشۇرۇلغان، كاۋاپ قىلىنغان، تۇزلانغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى تاللىماسلىق ياكى ئاز تاللاش كېرەك، مەسىلەن كۆپتۈرۈلگەن يېمەكلىك، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىك قاتارلىقلار. قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدە مول ياغ كىسلاتاسى، مىنېرال ماددىلار بار بولۇپ، بۇ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ، قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدۇ. بۇغداي ئۇنىدا پىشۇرۇلغان بولكا بالىلارغا ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ تەركىبى تۆۋەن بولۇپ، ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىدا يەيدىغان ناھايىتى ياخشى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەن قەنتلىك سۇلۇ يارمىسىنى يەنە كالا سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېگەندە، تەمى تېخىمۇ ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. مېۋە-چېۋە، كۆكتات تەركىبىدە ۋىتامىن، يېمەكلىك تالالىرى مول بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئۈچ ياشتىن يۇقىرى بالىلار دائىم ئىستېمال قىلسا بولىدىغان ئۇششاق يېمەكلىكلەردىن ئاساسلىقى قېتىق، سۈت، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا پۈتۈن قاتتىق پوستلۇق مېۋە ۋە قاتتىق دانلىق يېمەكلىكلەر مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، كانايغا كىرىپ كېتىپ، تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئەڭ ئاخىرىدا، رېئاكسىيە ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش كېرەك. چوڭلارغا قارىغاندا، بالىلارغا ناھايىتى ئاسان رېئاكسىيە قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ھەر قېتىم بالىلارغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك ئالغاندا، ئوراشتىكى ئانافىلاكتوگېن بەلگىسىنى ئېنىق كۆرۈش كېرەك. كۆپ ئۇچرايدىغان زىيادە سېزىمچان يېمەكلىكلەردىن كالا سۈتى، تۇخۇم، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، قۇلۇلە تۈرىدىكىلەر، يەر ياڭىقى، دادۇر ۋە بۇغداي قاتارلىقلار بار. ئەگەر بالىنىڭ رېئاكسىيە قىلىش تارىخى بولسا، چوقۇم ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك.

  يەنە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدەننىڭ يېتىلىشى ناھايىتى تېز، ئېھتىياجلىق بولىدىغان ئوزۇقلۇق بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىدا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش ئىنتايىن زۆرۈر. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاتا-ئانىلار ھەمىشە ئىنكار قىلماسلىقى كېرەك، توغرىسىنى تاللاپ، مۇۋاپىق مىقداردا يېسە مەسىلە چىقمايدۇ. (خۇنەن ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ياڭ سەي)
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ