مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە بېلىق بىلەن پۇرچاقنى كۆپرەك يېيىش كېرەك

2021.04.30 11:13 مەنبە: تىيانشان تورى

  «ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كېتىشتە، كۆڭلىنى ئازادە تۇتقاندىن باشقا، يېمەك-ئىچمەككىمۇ كۆپرەك دىققەت قىلىشى كېرەك، بۇ ھەقتە ئاياللارغا <بەشنى كۆپ يېيىش، ئۈچنى ئاز يېيىش> تەكلىپى بېرىمىز» دېدى فۇدەن داشۆ قارىمىقىدىكى خۇادۇڭ دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق مەركىزىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور سۈن جيەنچىن «ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىغا.

  كۆكتات، مېۋە-چېۋىنى كۆپرەك يېگەندە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆكتات ۋە مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن، مىنېرال ماددا، يېمەكلىك تالالىلىرى ۋە ئۆسۈملۈك خىمىيەلىك ماددىسى مول بولۇپ، دائىم يەپ بەرگەندە ئورگانىزملارنىڭ ساغلاملىقىنى ساقلىغىلى، ئاياللارنىڭ ھەيز توختىغاندىن كېيىنكى يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، دىيابىت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقىمۇ پايدىلىق. سۈن جيەنچىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە ئاياللار پالەك، شىلەنخۇا، سەۋزە قاتارلىق رەڭلىك كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىشى كېرەك، بۇلارنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىنC، كاروتىن، لىكوپېن، فلاۋون تۈرىدىكى بىرىكمە قاتارلىقلار ئاياللارنىڭ ئۆسمە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

  دانلىق زىرائەتلەرنى كۆپرەك يېگەندە، قان قەنتى بىلەن قاندىكى ياغنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. دانلىق زىرائەت تەركىبىدە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا يېمەكلىك تالاسى، B تۈرىدىكى ۋىتامىنلار، ۋىتامىنE، سىنىك، تۆمۈر قاتارلىق مىنېرال ماددىلار تېخىمۇ كۆپ. سۈن جيەنچىن مۇنداق دېدى: دانلىق زىرائەت تەركىبىدە يېمەكلىك تالالىرى كۆپ بولۇپلا قالماستىن، ئۈچەي باكتېرىيەسىنى تەڭشەپ، ئۈچەينىڭ ساغلاملىقىنى ساقلاپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇغداي، سۇلۇ، قارا بۇغداي، يىرىك گۈرۈچ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.

  سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك يېگەندە، كالتىسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ئاياللاردا ھەيز توختىغاندىن كېيىن، بەدەندە كالتىسىي ئېقىپ كېتىش سۈرئىتى تېزلىشىدۇ، دىققەت قىلمىغاندا، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ. سۈن جيەنچىن ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كۆپەيتىشى كېرەك، چۈنكى كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىدىغان سۈت مىقدارى ئۆلچەمگە يەتمەيدۇ. سۈت تەركىبىدە كالتىسىي، ئاقسىل مول بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالتىسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

  پۇرچاق ۋە پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك يېگەندە، ئانىلىق ھورموننى تەڭشەپ تۇرغىلى بولىدۇ. ئاياللار كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەندىكى ئانىلىق ھورموننىڭ بىرىكىشى ھەم ئاجرىلىشى ئاستىلايدۇ، ماي بىلەن خولىستېرىننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى نورمالسىزلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. پۇرچاق تەركىبىدىكى پۇرچاق ئىزوفلاۋون ئانىلىق ھورموننىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. شۇڭا كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا پۇرچاق ياكى پۇرچاق مەھسۇلاتلىرىنى يەپ بېرىشى كېرەك.

  چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىنى كۆپرەك يېگەندە، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغدايدۇ. چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرىنىڭ تەركىبىدە ئومىگا 3 مول بولغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، يۈرەك قان تومۇرلىرىنى قوغداش، كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. ھەپتىدە ئىككى قېتىم تاسما بېلىق، سالمون بېلىق، كۈمۈش ترېسكا بېلىقى قاتارلىق چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى شۇنداقلا ئازراق زىغىر ئۇرۇقى يېيىش كېرەك، ئومىگا 3 مول بولغان تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىدىن باشقا، زىغىر ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە بىر خىل ئانىلىق ھورمون __ لىگنىن بولۇپ، كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارغا ئىنتايىن پايدىلىق.

  بۇ ئاساستا، ئاياللار ئۈچ خىل يېمەكلىكنى ئاز يېيىشى كېرەك، بىرىنچى، ھۆل ئىسسىقنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان يېمەكلىكلەر. كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ئاسانلا ھۆل ئىسسىقى ئېشىپ، كەيپىياتى جىددىيلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا ھاياجانلاندۇرىدىغان، روھلاندۇرىدىغان ئىسپىرت، قەھۋە، قېنىق چاي ھەمدە ئاچچىق تەسىر قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىككىنچى، قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر. ئادەم ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە، ئاساسلىق ماددا ئالمىشىشى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا چەك قويۇش كېرەك. مەسىلەن، تاتلىق ئىچىملىكلەر، تاتلىقلار قاتارلىقلار. ئۈچىنچى، ياغ ۋە تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر. كىلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار ئىمكان بار مايسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىشى، ياڭيۇ ياپراقچىسى، قېيزا قاتارلىق ياغ ۋە تۇز تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ